باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 1- قېتىملىق يىغىنىدا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنى كۈچلۈك تور دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىدى

لې كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى

2014.02.28 13:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 27-فېۋرال چۈشتىن كېيىن مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 1-يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ۋە مۇنداق مۇھىم سۆز قىلدى: تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت تەرەققىياتى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىستىراتېگىيەلىك مەسىلە، خەلقئارا ۋە ئىچكى چوڭ ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىپ، دۆلىتىمىزنى كۈچلۈك تور دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى.يىغىندا «مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت نىزامى»، «مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت تەپسىلىي پرىنسىپى»، «مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2014-يىللىق نۇقتىلىق خىزمىتى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى ھەمدە يېقىنقى مەزگىلدىكى خىزمىتى تەتقىق قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر