باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پوسكام ناھىيەسى خەۋەرلىرى

2014.02.27 19:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ★ بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە پوسكام ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى، مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلاردىن 130 دىن كۆپرەك ئادەم ھەرقايسى ئىجتىمائىي رايون، مەھەللىلەر بويىچە ئالتە ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ياش- ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا، «زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» باش تېمىسىدا تەشۋىقات، تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئائىلىسىگە قايتقان بارلىق ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساسىي قانۇن، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى چەكلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قانۇن- نىزاملىرى بويىچە سىستېمىلىق بىلىمگە ئىگە قىلدى ھەم ھەر بىرىگە بىر پارچىدىن قوللىنىشچان قانۇن- نىزام ئوقۇشلۇقى بەردى.

  ★ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان پوسكام ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئەدلىيەدە پاك بولۇش تەربىيەسى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ئارىسىدا ئەدلىيە يۈرگۈزۈشتە ئادىل، پاك بولۇش، سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش، خىزمەتتە ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش، ئىستىلدا ئەلالىشىش كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇردى.

  ★ پوسكام ناھىيەسى بۇ يىل يېڭىدىن 40 مىڭ مو ئۈلگە كۆرسىتىش بېغى بەرپا قىلىپ، باغ- ئورمانچىلىقنىڭ دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىشتىن بۇرۇن ناھىيە بويىچە 16 يېزا، بازار، مەيداننىڭ باغ- ئورمانچىلىقتىكى ۋەزىپىلىرىنى 13 ناھىيە رەھبىرىگە ۋە 28 يېزا، بازار، مەيدان رەھبىرىگە تەقسىم قىلىپ، ۋەزىپە ئايدىڭ بولۇش، مەسئۇلىيەت ئەمەلىلىشىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

  ★ پوسكام ناھىيەسى يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم «ئاپتونوم رايون بويىچە مەدەنىي ناھىيە» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. ئاپتونوم رايون بويىچە مەدەنىي شەھەر (رايون، ناھىيە) شەرىپى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى شەھەر (رايون، ناھىيە) لەرنىڭ ئۇنۋېرسال ئالىي شەرىپى بولۇپ، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدۇ. پوسكام ناھىيەسى 2010- يىلى «ئاپتونوم رايون بويىچە مەدەنىي ناھىيە» شەرىپىگە ئېرىشكەن ھەم 2011- يىلى «مەملىكەت بويىچە مەدەنىي ناھىيە بازىرى» بولۇپ باھالانغان ئىدى.

  ★ پوسكام ناھىيەلىك قىزىل كىرسىت جەمئىيىتىدىكىلەر 2- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان 2014- يىللىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ ناھىيەنىڭ پوسكام بازىرىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 20 نەچچە مىڭ يۈەن قىممىتىدە گۈرۈچ، ئۇن، كىيىم- كېچەك، يوتقان- كۆرپە قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى.

  ★ پوسكام ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى كادىرلار 2- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە ئالاقىلىشىش نۇقتىسى بولغان گۈلباغ يېزىسىنىڭ تۈگمەنبېشى كەنتىدە مەھەللىلەرنى بىرلىك قىلىپ يەتتە مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ، يەتتە ياشتىن يۇقىرى 1378 ئادەمنى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئېتىۋار بېرىش سىياسەتلىرىنى كەنتنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتەك، جانلىق، ئەمەلىي مىساللار بىلەن تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى.)پوسكام ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئابلەت ئەخمەت(

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر