نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى تەسىس قىلىنىدۇ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-چېسلا چۈشتىن كېيىن 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغان خاتىرە كۈننى بېكىتىش قارار لايىھەسى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى بېكىتىش قارار لايىھەسى قاراپ چىقىلدى. لايىھەدە 3-سېنتەبىر جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغان خاتىرە كۈن، 13-دېكابىر نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى.
2009-يىلى 13-دېكابىر، جۇڭگو ـ ياپونىيە ئىككى دۆلەتتىن نەچچە ئونلىغان راھىب جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ياپونىيە ئارمىيەسى نەنجىڭدا ئېلىپ بارغان چوڭ قىرغىنچىلىقتا قازا قىلغان قېرىنداشلارنى خاتىرىلەش تەزىيەخانىسىدا «دۇنيا تىنچلىق دارما سورۇنى»ئۆتكۈزۈپ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا 300 مىڭ قېرىندىشىمىزنىڭ قازا قىلغانلىقىنىڭ 72 يىللىقىغا تەزىيە بىلدۈردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خەن يۈچىڭ فوتوسى)