باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

جەنۇبىي ئافرىقىدا خەتنە قىلىش سەۋەبىدىن 80 گە يېقىن ئوقۇغۇچى زەخمىلەندى

2014.02.25 15:50         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماتېرىيال سۈرەت

  شىياڭگاڭ ئاخبارات تورىنىڭ 23-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قانۇنسىز ئېچىلغان بىر مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەتنىسى قىلىنىپ، 80 گە يېقىن ئوقۇغۇچى زەخمىلەنگەن، 10 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان، ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ كۆپىيىش ئەزاسى پۈتۈنلەي كېسىۋېتىلگەن.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بەزى ئەنئەنىۋى قەبىلىلەردە ئون ياشتىن ئاشقان ئوغۇللارنىڭ خەتنىسى قىلىنىپ، قۇرامىغا يېتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئەمما تازىلىق مۇھىتىنىڭ ناچار بولۇشى ۋە داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆتكەن بەش يىلدا 300 دىن ئارتۇق باالا ئۆلۈپ، 2000 دىن ئارتۇق بالا زەخمىلەنگەن.

  گۈلمىرە غوپۇر ( پىراكتىكانت) تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر