- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاپتونوم رايون 900 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلەتمەكچى
2014.02.24 17:20 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
كەلگۈسى ئىككى يىلدا ، ئاپتونوم رايون 888 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ، ئوبلاستنىڭ خەلق تۇرمۇشى كەسپىنى كېڭەيتىپ ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىدۇ .
20-فېۋرال ، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ، ئوبلاستتىكى ھازىر بار بولغان كارخانىلارغا قارىتا ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتىكى 10 نۇقتىلىق كەسىپ ئىچىدىكى 195 تۈرنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ، ئۇلارنى كونكرېت قوللايدىكەن ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سانىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇپ ، كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانىنى 58 مىڭ 300 گە يەتكۈزۈپ ، 50 مىڭ ئائىلىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن .
كونكرېت چېتىلىدىغان خەلق تۇرمۇشى كەسىپلىرى جەھەتتە ، ئاپتونوم رايون ئىككى يىل ئىچىدە ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ، ئوبلاستتىكى ئوتتۇرا ، كىچىك ، مىكرو تىپتىكى توقۇمىچىلىق ، كىيىم-كېچەك كەسپى ، ئالاھىدە دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە يېمەكلىك كەسپىنى ئورتاق قوللاپ ، يەنە 24 مىڭ 970 كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان .
رايون ئايرىمىسى بويىچە ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپى ، سودا ئوبوروت كەسپى ، يېڭىچە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ، قوراشتۇرۇش كەسپىنى نۇقتىلىق قوللايدىكەن ؛ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گىلەمچىلىك كەسپى ، ئۇيغۇر دورىگەرلىك كەسپىنى نۇقتىلىق قوللايدىكەن ؛ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈندىلىك بۇيۇملار كەسپى ، تېرىچىلىك كەسپى ، ئالاھىدە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كەسپىنى نۇقتىلىق قوللايدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر