باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىسلاھات ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىش

2014.02.26 09:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  –جايلار،تارماقلارنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ۋە ئىلگىرى سۈرۈگەنلىكى توغرىسىدامۇلاھىزە

  ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش

  ئىسلاھات روھى كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالدى

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بۇرغىسى چېلىندى!

  بىپايان جۇڭگو زېمىنىدا ئىسلاھاتنىڭ باھار دولقۇنى ئەۋج ئالدى.

  ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ئاخىرلىشىپ، قىسقىغىنا ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا جايلار، تارماقلار ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يۇقىرى دولقۇنىنى تېز قوزغىدى، كادىرلار، ئامما تولۇپ – تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئىسلاھات ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سەھىپىسىنى ئاستا – ئاستا ئېچىشقا باشلىدى.

  مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ھويلىسى باش باھاردا قويۇق ئۆگىنىش كەيپىياتىغا چۆمدى. 17 – فېۋرالدىن 21 – فېۋرالغىچە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى بۇ يەردە ئويۇشتۇرۇلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر ياخشى ھۆججەت چىقىرىش ئۈچۈن 10 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنىڭ تېخى تۇنجى قەدىمىنىلا ئالدۇق، بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. بىز ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەتراپلىق، جاپالىق، كۈچ سەرپ قىلىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى تونۇش ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

  ئۆگىنىش تونۇشنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسىي، ئۆزلەشتۈرۈش ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھەم ئېنىق نىشان، يۆنىلىشى ۋە يېتەكچى ئىدىيەسى بار، ھەم كونكرېت مۇساپە ۋە ۋەزىپىسى بار؛ ھەم مۈشكۈللۈككە، مۇرەككەپلىككە، ھەم باغلىنىشچانلىققا، سىستېمىلىققا ئىگە. ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر چۈشەنمىگەندە، توغرا ئىگلىمىگەندە، ئىسلاھاتنى تۇتۇشتا ئىستىلدا پۇختا بولۇش، خىزمەتنى دەل جايىدا ئىشلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەسكە توختايدۇ.

  ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتە ئىسلاھات يۆنىلىشىنى ئىگىلەش كېرەك. يۈننەن ئۆلكىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ سودا مىنىستىرلىقى مەسىلىلەرنى ئاڭلىقلىق بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتى نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىپ، دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى، قىيىنچىلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قىلچە بوشاشماي، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا ئىسلاھات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى: ئىلگىرىلەش ئېڭى، پۇرسەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئۆز پېتىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى؛ گۈيجۇ ئۆلكىسى: جايلار، تارماقلار ئىسلاھاتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىسلاھات تەپەككۇرى ئارقىلىق پىلانلاپ، ئىسلاھات خىزمىتىنى ئىستىلنى چىڭ تۇتۇشتەك يۈكسەك ئىرادە بىلەن چىڭ تۇتۇش كېرەك، دەپ قارىدى.

  ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. تيەنجىن شەھىرى: خىلمۇ خىل ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئالدىدا، مەركەزنىڭ قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قەدىمى، رىتىمى، سىجىللىقى جەھەتتە مەركەز بىلەن كۈچلۈك بىردەكلىكنى ساقلاش مۇھىم ھالقا، دەپ قارىدى.

  ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، يۇقىرى – تۆۋەن بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىش

  ئىسلاھات قەدىمى پۇختا، كۈچلۈك بولدى

  بۇ يىل 22 – يانۋار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 1 – يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى تۈرلۈك مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

  مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، جايلار، تارماقلار مەمۇرىي تەستىقلاش تۈزۈمى، سودا – سانائەت رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەر – خوتۇن ئىككىلا تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولسا ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھات قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، كادىرلارنى تاللاش، تەيىنلەش مېخانىزمىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادچىللىقنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى قاتارلىق پۈتۈن جەمئىيەت يۈكسەك دىققەت قىلىۋاتقان، تەرەپلەر ھەل قىلىنىشىنى كۈتۈۋاتقان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، سىياسەت، تەدبىر ۋە تۈزۈم، ھۆججەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزدى، بەزى ئورۇنلار يەنە قانۇنىي قارار چىقاردى.

  ‹‹بەلگىلەنگەن ھەرىكەت››نىڭ قائىدە – تەرتىپى، ‹‹ئۆزى تاللىغان ھەرىكەت››نىڭ ئاساسىي بار.

  مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىچكى موڭغول، خۇبېي، شەندۇڭ، گۇاڭشى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى......قاتارلىقلار ، جايلار، تارماقلار ئارقا – ئارقىدىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، خىزمەت تەرتىپىنى بېكىتىشتىن يېقىنقى مەزگىللىك خىزمەتنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە، بىر تۇتاش پىلانلاشنى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى، لايىھەنى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەت نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىنى دەرىجىمۇ دەرىجە بۆلۈپ، ئىشنى، سۈرئىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە كەلدى. ئىسلاھات مۇھىم نۇقتىسى بېكىتىلىپ، ۋەزىپە تىزىملىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، جايلار، تارماقلار جانلىق ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىسلاھات ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى نامايان قىلدى.

  ئومۇميۈزلۈك ھۆججەت چىقىرىلىپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. شەرقتىن غەربكىچە، مەركەزدىكى تارماقلاردىن يەرلىك نازارەت، ئىدارىلەرگىچە، ھەممە ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ‹‹قارارى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تۈزۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى لايىھەسى، يېڭى ئارزۇسى، يېڭى نىشانىنى سۈرەتلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى، ئاۋۋال يولغا قويۇلىدىغان تەرتىپلەر، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە قاراتمىلىققا ئىگە ‹‹يەرلىك نۇسخى››دىكى لايىھەنى تۈزۈپ چىقتى. سەنشى ئۆلكىسى 56 تۈرلۈك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سەنشى ئۆلكىسىدىكى دۆلەت بايلىقى تىپىدىكى ئىگىلىكنىڭ تىپىنى ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشكە ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى سىناق رايونى قۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈردى؛ جياڭسۇ ئۆلكىسى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››خىزمىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېزا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرىنى تۈزۈپ ئېلان قىلدى...

  يەرلىك ئىككى يىغىندا ئىسلاھاتنى ‹‹قوزغىتىش كۇنۇپكىسى›› بېسىلدى. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتىدا ‹‹ئىسلاھات››دېگەن سۆز ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىندى، نۇرغۇن جاي ‹‹ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش››نى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپەسى قىلىپ بېكىتتى. شاڭخەي ‹‹جۇڭگو – شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش››توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى، سىچۈەن ئۆلكىسى ‹‹چېڭدۇنى رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى تەجرىبە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش››نى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ‹‹سەلبىي تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش››نى... ئوتتۇرىغا قويدى. مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئىش تەقسىماتى لايىھەسى بويىچە ئىسلاھاتنىڭ ئېغىر يۈكىنى دادىل زىممىسىگە ئالدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تەدبىرىنى تۈزۈشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسى بويىچە مۇھاكىمە قىلدى. شۇنداقلا بۇ يىللىق مۇھىم ئىسلاھات لايىھەسى ۋە نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتتى؛ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى مەسئۇل بولۇپ ئىشلەيدىغان 19 تۈرلۈك خىزمەتكە 81 كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ يىللىق مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ مۇھاكىمە قىلدى؛ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ ئىشلەيدىغان 46 تۈرلۈك خىزمەت، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ مەسئۇل بولۇپ ئىشلەيدىغان 14 تۈرلۈك خىزمەت ۋە ئۆز ئارا بىرلىشىپ ئىشلەيدىغان 103 تۈرلۈك خىزمەتنى ئىچكى جەھەتتىن تەقسىملەشتى، بۇ يىل يولغا قويۇلىدىغان 39 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتتى...

  جايلار، تارماقلار تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەركەزنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن جايلار، تارماقلارنىڭ ئەمەلىي بىرىكىش نۇقتىسىنى، باشلىنىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ چىقىپ، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردى.

  ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىزدىنىپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش

  ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلدى

  ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئورگانلارنى يەنىمۇ ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، مەمۇرىي تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىكى ئۇچۇرىدا مۇنداق دېيىلدى: جايلار يېقىنقى كۈنلەردە ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدە ئۆز تارمىقى ھازىر ساقلاپ قالغان مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشى كېرەك، مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى تىزىملىكىنى ۋاقتىدا ئاشكارا جەملەپ، ئامما كۈتكەن ‹‹ھوقۇق تىزىملىكى››نى ئاشكارا ئېلان قىلىدۇ.

  ‹‹ھوقۇق تىزىملىكى›› ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىرتەرەپ قىلىشنى جانلىق شەرھلەپ بەردى.

  ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى جەھەتتە: مەمۇرىي تەستىقلاش تۈزۈمى ئسىلاھاتىدا گوۋۇيۈەن 300دىن كۆپرەك مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ياكى تۆۋەنگە چۈشۈردى، سېلىشتۇرۇپ باھالاش، ئۆلچەمگە يەتكەن ئورۇنلارنى تەقدىرلەش قاتارلىق 76 تۈرنى ئەمەلدىن قالدۇردى؛ سودا – سانائەت رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى ئېتىراپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى تىزىملاش شەرتلىرىنى بوشاتتى، كارخانىلارنى يىللىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يىللىق دوكلاتىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىنى تىزىملاش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسى ۋە پۈتۈنلەي توردا تىزىملاپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش مۇھىتىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇردى.

  دېموكراتىيە – قانۇنچىلىق ئىسلاھاتى جەھەتتە، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىنسانىي ھوقۇققا ئەدلىيەلىك كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە مۇھىم قەدەم بېسىلدى؛ سوت ھەرىكىتى مېخانىزمى ئىسلاھاتى نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ، ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق سوتسىيالىستىك ئەدلىيە تۈزۈمى ئورنىتىش تېزلىتىلدى؛ قانۇن چىقىرىش سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، نازارەت قىلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى.

  مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى جەھەتتە، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسى مۇستەھكەملەندى؛ مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلارنىڭ فۇنكسىيەسى يەنىمۇ ئۆزگەرتىلىپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلگەن مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، مەدەنىيەت كەسپى ئورۇنلىرىنىڭ ئىسلاھاتى تۈرلەر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مەدەنىيەت قانۇنچىلىقى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلىشىش، يۈكسىلىش باسقۇچىغا كىردى.

  ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى جەھەتتە، ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولسا ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، جېجياڭ، جياڭشى، ئەنخۇيدە ئاۋۋال باشلاندى، نۇرغۇن ئۆلكە، رايون، شەھەر ئەنگە ئالدۇرۇش تەرتىپى ئارقىلىق، توغۇت سىياسىتىنى تەڭشەپ، مۇكەممەللەشتۈردى؛ چوڭ شەھەرلەردە مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدا يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە ئىمتىھانسىز كىرىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، قىسمەن ئۆلكە، رايون، شەھەرلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، مائارىپ ساھەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى؛ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئۇرنىتىلىپ، ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش تېزلىتىلدى، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى تېخىمۇ ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولدى.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى جەھەتتە، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش يولغا قويۇلدى، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، سۇنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش پىلانى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈلۈپ، ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان ھاۋانى جىددىي باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، تەدبىر قوللىنىپ تۇمان تىزگىنلىنىپ، سىستېمىلىق، مۇكەممەل ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسى تەدرىجىي ئورنىتىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تۈزۈم ئارقىلىق قوغدالدى.

  پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتى جەھەتتە، كادىرلارنى باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاددىي ھالدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بويىچىلا باھالانمايدىغان بولدى؛ كادىرلارنى تاللاش، تەيىنلەش تۈزۈمى مۇكەممەلەشتۈرۈلۈپ، ئىلمىي، ئەسقاتىدىغان ئادەم تاللاش ، ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمى ئورنىتىلدى؛ قاتتىق ئىقتىساچان بولۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاشنى دائىملاشتۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  ئىسلاھاتنىڭ دولقۇنى كىشىلەرنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى، ياخشى باشلىنىش كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇردى

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ، كىشىلەر شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى بىر – بىرلەپ يېڭىپ، مەسىلىلەرنى بىر – بىرلەپ ھەل قىلىپ، قەدەمنى پۇختا بېسىپ، نەتىجە ياراتقاندىلا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ يىمىرىلمەس قۇدرەتلىك كۈچىنى مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22 – فېۋرال تېلېگراممىسى)

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر