- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
تۈتەك بىلەن تۇمان ئىلىم پەن ساۋاتلىرى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلدى
2014.02.24 10:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىندا بېيجىڭ،خېبېي،سەنشى، شەندۇڭ،خېنەن،لياۋنىڭ قاتارلىق جايلارنى قاپلىغان تۇمان كۆلىمى 810 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى. سەنشى ئۆلكىلىك پەن تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپلىك مۇتەخەسسىسى ئاممىغا تۈتەك بىلەن تۇماننى ئىلىم پەن ساۋاتلىرى ئارقىلىق چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: تۈتەك يەر شارى يۈزىگە يېقىن،ئاتموسفېرادا لەيلەپ يۈرۈدىغان سۇ ياكى مۇز كرىستالدىن تەركىب تاپقان ھور قېتىشما ماددىسى بولۇپ، بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان ھاۋا رايى ھادىسىسى. تۇمان ھاۋا بوشلۇقىدا لەيلەپ يۈرۈدىغان ھاۋا بوشلۇقىدىكى قاتتىق دانچە بولۇپ،چاڭ-توزان، سۇلفات كىسلاتاسى، ئازوت كىسلاتاسى قاتارلىق تۈرلۈك خىمىيىلىك بېرىكمىدىن شەكىللەنگەن. تۈتەك بىلەن تۇمانغا ھۆكۈم قىلىشتا ئادەتتە كۆرۈش ئارىلىقى بىلەن نەملىك مەلۇماتى پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. ئەگەر كۆرۈش ئارىلىقى مىڭ مېتىر ئىچىدە بولسا، سېلىشتۇرما نەملىكى %90 بولسا بۇ تۈتەك دېيىلىدۇ . كۆرۈش ئارىلىقى 10 كىلومېتىر بولسا، ھەمدە چاڭ توزان دانچىلىرىدىن تەركىب تاپقان، نەملىكى%80 دىن تۆۋەن بولسا تۇمان دېيىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ئاددىي كۆز بىلەن قارىغاندا تۈتەك ئاق رەڭدە بولىدۇ، تۇمان سېرىق، ساغۇچ كۈلرەڭ بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر