باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن 29 كىشى جۇڭگو تەرجىمانلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ‹‹مۆتىۋەر تەرجىمان›› شەرىپىگە ئېرىشتى

2014.02.25 16:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېھرىگۈل تۇردى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇۋاتقان تەرجىمانلىرىمىزدىن 29 كىشى يېقىندا جۇڭگو تەرجىمانلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ‹‹مۆتىۋەر تەرجىمان›› شەرىپىگە ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونلۇق تىل – يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرجىمانلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ‹‹مۆتىۋەر›› خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ۋە ئۈرۈمچى ‹‹بوز تاغ›› ئەدەبىي تەرجىمە شىركىتى بىرلىكتە 22 – فېۋرال بۇ 29 تەرجىماننىڭ شەرىپىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش، تۆھپىسىنى قۇتلۇقلاش مەقسىتىدە ‹‹مۆتىۋەر تەرجىمانلار›› سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

  سۆھبەت يىغىنىغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى روھىمىزغا يېڭى مەنىۋىيەتلەرنى قوشۇپ كېلىۋاتقان پېشقەدەم ئۇستازلار، تىلشۇناسلار، تەرجىمانلار ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىن 300دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، كۆپچىلىك بۇ شەرەپ ئەھلىلىرىنىڭ شەرىپىنى قۇتلۇقلىغاچ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرجىمە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا كەڭ كۇشادە سۆھبەتلەشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئالىي تەرجىمان تەلئەت ئىبراھىم تىلەك مۇنداق دېدى:

  مۆتىۋەر تەرجىمان، دېگەن بۇ نام جۇڭگو تەرجىمانلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مەملىكەت دەرىجىلىك نام بولۇپ، ‹‹مۆتىۋەر تەرجىمان››لار مۇكاپاتى 2003 – يىلى تۇنجى بولۇپ مەملىكەت ئىچىدىكى ئالىي تەرجىمانلىق ئۇنۋانى بولغان، بەلگىلىك تەرجىمانلىق تارىخى ۋە نەتىجىسى بولغان ئالىي تەرجىمان ۋە كاندىدات ئالىي تەرجىمانلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. شۇ چاغدا بىزدىن تۆھپىكار تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئاكا بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن. بۇ قېتىمقىسى ئۈچىنچى تۈركۈمدىكىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن جۇڭگو تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، ‹‹مۆتىۋەر تەرجىمان›› شەرىپىگە ئېرىشكەن ئالىي تەرجىمان سابىر ئېلى مۇنداق دېدى: ‹‹ مۆتىۋەر تەرجىمان››لار شەرىپى تەرجىمە ساھەسىدە بىر ئۆمۈر جاپالىق خىزمەت قىلغان تەرجىمانلارنىڭ ئۇتۇقىغا بېرىلگەن كاتتا مۇكاپات، ئىز بېسىپ كېلىۋاتقان ياش تەرجىمانلارغا زور ئىلھام، ئۆز نۆۋىتىدە بۇ بىر مەسئۇلىيەت. ‹‹مۆتىۋەر تەرجىمان››لار ياشلارنى تەربىيەلەپ، ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈپ، تەرجىمە ئىشلىرىغا تېگىشلىك ھەسسە قوشالىساق ئاندىن بۇ شەرەپكە يارىشا جاۋاب قايتۇرغان بولىمىز››.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە يەنە ئۈرۈمچى ‹‹بوز تاغ›› ئەدەبىي تەرجىمە شىركىتى ‹‹مۆتىۋەر تەرجىمان››لىرىمىزنىڭ پېشۋاسى مەرھۇم توختى باقى ئارتىشى ئاكىنى ئەسلەش ۋە ئۇنىڭ ئىزچىلىرى سۈپىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، تەرجىمە ساھەسىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ‹‹توختى باقى ئارتىشى تەرجىمە مۇكاپاتى›› تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر