باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن 2-تۈركۈمدىكى تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا قەتئىي چىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى تەكىتلىدى

2014.02.24 09:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ليۇ يۈنشەن 2-تۈركۈمدىكى تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا قەتئىي چىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى تەكىتلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە مەركەز ھەيدەكچىلىك قىلىش مەركەز گۇرۇپپىسىنىڭ خۇلاسە يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ سەييارە ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى تەربىيەلەش يىغىنى 22-،23-فېۋرال بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى مەركەز رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ليۇ يۈنشەن ھەيدەكچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە شەكىلۋازلىق قىلماسلىقنىڭ مۇھىم كاپالىتى ئىكەنلىكىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي ۋە ئەمەلىي ھەيدەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 2-تۈركۈمدىكى تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە ئامما رازى بولىدىغان ئەمەلىي ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر