باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيۇس بىلەن كۆرۈشتى

2014.02.24 09:20         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-فېۋرال ‹‹خەلق›› سارىيىدا فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيۇس بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 21-فېۋرال تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-فېۋرال ‹‹خەلق›› سارىيىدا فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيۇس بىلەن كۆرۈشتى.

  فابىيۇس شى جىنپىڭغا زۇڭتۇڭ خوللاندنىڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى ھەمدە زۇڭتۇڭ خوللاندنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدىغانلىقىنى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ فابىيۇستىن زۇڭتۇڭ خوللاندقا سەمىمىي سالام يوللىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن ھەمدە زۇڭتۇڭ خوللاند بىلەن پات يېقىندا يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو-فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. 50 يىل بۇرۇن، رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن گېنىرال دېگۇل جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىىۋىتىدىكى ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك قارارنى چىقارغانىدى. بۇ ئاقىلانىلىك ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئۇل سالغانىدى ھەمدە جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنى باشتىن-ئاخىر جۇڭگو-غەرب مۇناسىۋىتىدىكى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلگەنىدى. بۇلتۇر زۇڭتۇڭ خوللاند جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، مەن ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، جۇڭگو-فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇانسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا كاتتا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر ۋە تەرەققىيات قانۇنىيەتلىرىنى خۇلاسىلەپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى مەزگىلدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر