باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى

2014.02.25 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 24-فېۋرال يىغىن ئېچىپ، گوۋۇيۈەن تۈزۈپ، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدىغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى مۇزاكىرە قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2013-يىلى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز بولغان، دۆلەت ئىچكى ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئاشقان، تەبىئىي ئاپەت كۆپەيگەن، كۆپ خىل زىددىيەتلەر گىرەلەشكەن مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى يولداش شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە خىرىسقا تەمكىن تاقابىل تۇرۇپ، قېيىنچىلىقنى جاسارەت بىلەن يېڭىپ، پۈتۈن بىر يىللىق ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ كۆزلەنمە نىشانىنى تولۇق ئورۇندىدى. ئىقتىساد مۇقىم ئىلگىرىلىدى، ئاھالە كىرىمى ۋە ئىقتىساد ئۈنۈمى سىجىل ئاشتى. قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە ئىجابىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىجتىمائىي ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ئىسلاھات ــ ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، قېيىنچىلىق پەرەز قىلغاندىكىدىن كۆپ بولدى، ئەمما نەتىجە پەرىزىمىزدىكىدىن ياخشى بولدى، نەتىجىنىڭ قولغا كېلىشى ئاسان بولمىدى. بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە ــ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. گوۋۇيۈەن ۋە ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر