- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2014-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى ئاياغلاشتى
2014.02.25 16:41 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
40 كۈندە توشۇلغان يولۇچى سانى 3 مىليارد 600 مىليون (ئادەم / قېتىم)غا يەتكەن
شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 24-فېۋرال تېلېگراممىسى : دۆلىتىمىزنىڭ 2014-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى تۈنۈگۈن (24-فېۋرال) ئاياغلاشتى . ‹‹ چوڭ دولقۇن ›› پەسىيىپ ، ئاپتوبۇس بېكىتى ، ۋوگزال ، ئايرودۇرۇملاردىكى قىستاڭچىلىق ۋە بىر بېلەت تېپىش تەس بولۇش ئەھۋاللىرى ئاستا-ئاستا تۈگىدى . 40 كۈندە توشۇلغان يولۇچى سانى 3 مىليارد 600 مىڭ (ئادەم / قېتىم)غا يېتىپ، ‹‹ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق كۆچۈش ›› ئاخىرلاشتى .
قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ دەسلەپكى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ، بۇ 40 كۈندە ، تاشيوللاردا توشۇلغان يولۇچى سانى تەخمىنەن 3 مىليارد 260 مىليون (ئادەم/قېتىم) بولۇپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ؛ ئاۋىياتسىيەدە توشۇلغان يولۇچى سانى جەمئىي 44 مىليون 70 مىڭ (ئادەم / قېتىم) بولۇپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.7 ئاشقان ؛ سۇ يولىدا توشۇلغان يولۇچى سانى 42 مىليون (ئادەم/قېتىم) غا يەتكەن ؛ تۆمۈريوللاردا توشۇلغان يولۇچى سانى 266 مىليون (ئادەم/قېتىم) بولۇپ ، مۆلچەردىن تەخمىنەن 10 مىليون (ئادەم/قېتىم ) ئاشقان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر