- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەل رايىنى ئىگىلەش، خەلق تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىش، ئاۋام كۆڭلىنى مۇجەسسەملەش›› پائالىيىتى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى
2014.02.26 09:53 مەنبە: خەلق تورى
24-فېۋرال ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار ، ئورۇنلار ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى ‹‹ ئەل رايىنى ئىگىلەش ، خەلق تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىش ، ئاۋام كۆڭلىنى مۇجەسسەملەش ›› پائالىيىتى خىزمەت گۇرۇپپىسى باشلىقلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى
24-فېۋرال ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار ، ئورۇنلار ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى ‹‹ئەل رايىنى ئىگىلەش ، خەلق تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىش ، ئاۋام كۆڭلىنى مۇجەسسەملەش ›› پائالىيىتى خىزمەت گۇرۇپپىسى باشلىقلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى .
بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش تۆت كۈن بولۇپ ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى مەركەز روھىنى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ ، ئىدىيەۋى تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، سىياسەت ۋە ئاممىۋى خىزمەتنىڭ تەلىپىنى ئىگىلەپ، پائالىيەتنىڭ ياخشى باشلىنىپ ، ئەمەلىي ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت .
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پۇ شىيۈ تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ باشلىنىشىدا مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان كادىرلاردا چوقۇم نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ئىقتىدارى ، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى بولۇشى ، بولۇپمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ، دىنىي ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئەمەلىي ھەل قىلالايدىغان ئىقتىدار بولۇشى كېرەك .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر