باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇنىڭ ئالاردا ‹‹گىگانىت ئادەم›› قەبرىسى بايقالدى (1)

2014.02.25 16:45         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قەدىمكى كىشىنىڭ بوي ئېگىزلىكى 2.3 مېتىر بولۇپ ، ياۋ مىڭدىنمۇ ئېگىزمۇتەخەسسىسلەر : ئالاردا ‹‹گىگانىت ئادەم›› قەبرىسى بايقالدى ، قەدىمكى چاڭلارنىڭ خارابىلىكى بولۇشى مۇمكىن

  قەبرە توپىدىن بايقالغان چوڭ جەسەت ساندۇقى، ئۇزۇنلۇقى 2.85 مېتىر

  ئالار شەھىرىدە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ غەربىي دىياردىكى مىڭ يىللىق تارىخىنىڭ دەلىلى بولغان يېڭى بىر بايقاش بولدى . يېقىندا ، ئارخېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇندىن 4600 يىل بۇرۇنقى كۇنگاڭ (昆岗) قەبرىستانلىقىدىن قەدىمكى بىر گىگانىت ئادەمنىڭ 2.3 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىسكىلىتىنى بايقىدى .

  بۇ شەھەردە قۇرۇلغان تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى غەربىي دىيار مەدەنىيىتى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى لياۋ جاۋيۈنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان بىر قىسىم قەدىمكى ئادەم جەسەتلىرى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى (小河) نىڭكىگە دەل ئوخشايدىكەن ، ئاستى-ئۈستى ئۈچ قەۋەت ئالتە يۈرۈش بولۇپ ، ئايرىم-ئايرىم 4600 يىل ، 4300 يىل ، 3800 يىل ، 2600 يىل ، 1200 يىل ۋە 900 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى دەسلەپكى قەدەمدە بايقالغان .

  ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قەبرىستاننىڭ ئاددىي كۆرگەزمە سارىيى ئىچىگە ئۇزۇنلۇقى 2.3 مېتىردىن ئاشىدىغان بىر گىگانىت ئىسكىلىت قويۇلغان بولۇپ ، قېزىپ چىقىرىلغان ھەمدەپنە جەسەت ساندۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.85 مېتىر ئىكەن . بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكى چوقۇم 2.3 مېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ ، ھالبۇكى ھازىر زاماندىكى ‹‹گىگانىت ئادەم ›› ياۋ مىڭنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئاران 2.26 مېتىر . بۇ تارىم ئويمانلىقىدا يىراق قەدىمكى زاماندا گىگانىت ئادەملەر قەبىلىسى بار ئىدى ، دېگەن رىۋايەتكە ماس كېلىدۇ .
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر