باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدىي ۋەلىئەھدى مالدۋېس ئارىلىنى «ھۆددىگە ئېلىپ» ساياھەت قىلدى، شاڭخەيلىك ساياھەتچىلەرگە تەسىرى بولمىدى

2014.02.25 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «دەۋر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدىي ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى مالدۋېس ئارىلىنى 18 مىليۇن فوندسىترلىڭ (تەخمىنەن 180 مىليۇن يۈەن خەلق پۇلى)غا ھۆددىگە ئېلىپ ئارام ئالىدىغان بولغاچقا، ئۇ يەرگە ساياھەتكە بېرىشنى ئويلاۋاتقان بەزى ساياھەتچىلەر «يول قويۇش»قا مەجبۇر بولدى. مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن شاڭخەيدىكى ساياھەت ئاپپاراتىدىن ئېگىلىشىچە، ئۇلار ئالدىن ئاز ـ تولا خەۋەردار بولغاچقا، شاڭخەيدىن ساياھەتچىلەرنىڭ مالدۋېسقا ساياھەتكە بېرىشىغا تەسىر يەتمىگەن. ئىگلىنىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى بىر ساياھەت ئاپپاراتىمۇ مالدۋېس ئارىلىنى ھۆددىگە ئېلىپ ساياھەت قىلىش»نى پىلانلاۋېتىپتۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، شيې چېڭ تورى بەشىنچى ۋە يەتتىنچى ئايدا ئىككى قېتىم مالدۋېس «ئايرىم ئارال» ساياھەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدىغان بولۇپ، بۇ ئارىلقتا پۈتۈن ئارال پەقەت شيې چېڭ خېرىدارلىرىغىلا مۇلازىمەت قىلىدىكەن. ئالاقىدار زاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئارالنى ھۆددىگە ئالسا ئادەتتە ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن ئالغانغا قارىغاندا ئەرزان بولىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر