- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى سابىق زۇڭتۇڭنىڭ چوڭ قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن ـ ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى تەكشۈرىدۇ
2014.02.25 14:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سابىق زۇڭتۇڭ يانوكوۋىچنىڭ مەنسىپى ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنا دائىرىلىرى 24-فېۋرال يەنە يانوكوۋىچنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئۇنىڭ «چوڭ قىرغىنچىلىق»جىنايىتى ئۆتكۈزگەن ــ ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى تەكشۈرىدىغان بولدى.
ھاكىميەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە ئۆكتىچىلەر بولۇپ قالغانلىقىنى جاكارلىدى
رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى يانۇكوۋىچنىڭ «چوڭ قىرغىنچىلىق» جىنايىتى ئۆتكۈزگەن ـ ئۆتكۈزمىگەنلىكىگە قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇكرائىنا دائىرىلىرى 24-چېسلا يانوكۇۋىچنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.
ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشلار مۇۋەققەت مىنىستىرى ئاۋاكوف ئۆزىنىڭ ئالاقە تورى ھېسابات نومۇرىدا «ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچ كۆرسىتىلىۋاتقان مەزگىلىدە، يانوكوۋىچنىڭ چوڭ قىرغىنچىلىق قىلغان ــ قىلمىغانلىقىغا قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى، يانوكۇۋىچ شۇنداقلا بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى»نى بىلدۈردى.بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇكرائىنادا پارتلىغان كەڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش توقۇنۇشىدا، ئاز دېگەندىمۇ 82 ئادەم قازا قىلغان، 600 دەك ئادەم يارىلانغان.
ئۇكرائىن يەرلىك پارتىيە پارلامېنت رەھبىرى ئالېكساندىر يېفروموف 24-چېسلا، يېقىندىلا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيە ــ يەرلىك پارتىيەنىڭ ئۆكتىچى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. يېفروموف ھازىر ھوقۇق تۇاتقان سابىق ئۆكتىچى زاتلارنىڭ پارلامېنت كۆپ سانلىقلار پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمەت تەشكىللىيەلەيدىغانلىقى بۇ قارارنى چىقىرىشىنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر