باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن ئۆگىنەيلى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن سىردىشايلى

2014.02.26 10:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىكى كادىرلار ئاساسىي قاتلامدىكى تەسىراتلىرى توغرىسىدا پىكىرلەشتى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىكى كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى تەسىراتلىرى توغرىسىدا پىكىرلىشىش سۆھبەت يىغىنىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات، تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى مۇ لېي تۇنجى بولۇپ سۆز قىلىپ: ئۈچ ئاي ئاساسىي قاتلامدا چېنىقىش جەريانىدا ‹‹كىم ئۈچۈن ئىشلەش، كىمگە تايىنىش، مەن كىم›› دېگەن سوئال ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلاندىم، دېدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ‹‹بەنگۇڭتىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش›› خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئون كادىرنى 2013 – يىلى 23 – ئىيۇندىن 23 – سېنتەبىرگىچە نىيە ناھىيەسىنىڭ سالغۇزەك يېزىسىغا ئۆگىنىش – چېنىقىشقا ئەۋەتكەنىدى.

  چېنىقىشتىن قايتىپ كەلگەن ئورگان كادىرلىرى بەس – بەستە: سالغۇزەك يېزىسىدا ئىستىلىمىزنى ياخشىلاپ، ئۆزىمىزنى چېنىقتۇردۇق، ئامما بىلەن ئارىلىقىمىز يېقىنلاشتى، مول تەجرىبىگە ئىگە بولدۇق، دېيىشتى.

  كادىرلارنى چېنىقتۇرۇش

  كاتىبات 1 – باشقارمىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى چيەن شيەنجۇ ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەندە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ۋاقىتلىق ياچېيكا شۇجىلىقىنى ئۈستىگە ئالغانىدى، ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامغا بېرىشتىكى بىرىنچى ۋەزىپىمىز ئۆگىنىش، يەنى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ جاپا – مۇشەققەتكە چىدايدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى ئۆگىنىش بولدى. ئاساسىي قاتلامغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشتىكى مەقسەت ئورگان كادىرلىرىنى چېنىقتۇرۇش، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆگىنىپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

  مەمۇرىي مالىيە باشقارمىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى جاڭ جيەن: بۇ قېتىم ئاساسىي قاتلامدا چېنىقىش ئارقىلىق يېزىلارنىڭ ئەھۋالى، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى بىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىشنى، ئامما بىلەن قانداق ئالاقە قىلىشنى ئۆگىنىۋالدۇق. بۇ، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمىزدە تەييارلاشقا تېگىشلىك ئىقتىدار ۋە ساپا، دېدى.

  ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش

  كاتىبات 6 – باشقارمىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى ئەلى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ سالغۇزەك يېزىسى باغچى كەنتىدە ئورماندا ئىستېرېئولۇق باقمىچىلىق قىلىشنى كېڭەيتىش ئىشىنى مىسال قىلىپ: ئەلنى مايىل قىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئەستايىدىللىق بىلەن ئىش قىلىش كېرەك، دېدى.

  سالغۇزەك يېزىسى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئورماندا ئىستېرېئولۇق باقمىچىلىق قىلىشنى كېڭەيتىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنى چىلانلىقنى چىتلاپ، غاز بېقىشقا ئىلھاملاندۇرغانىدى. ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى ياڭ تاۋ: دەسلەپتە دېھقانلار خاتىرجەم بولالمىدى. ئۇلار غاز چىلاننى يەپ قويارمۇ؟ غاز بېقىپ پايدا ئالغىلى بولارمۇ؟ دەپ ئەندىشە قىلغانىدى، دېدى.

  خىزمەت ئەترىتى باغچى كەنتىدىكى دېھقان ياسىنجاننى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئورمانلىقتىكى ئىستېرېئولۇق باقمىچىلىقنىڭ كونكرېت مەشغۇلات شەكلىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈردى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ زېرىكمەي چۈشەندۈرۈشى ياسىنجاننى تەسىرلەندۈردى، ئۇ 3.5 مو چىلانلىقىدا غاز بېقىپ سىناق قىلدى.

  مۇ لېي مۇنداق دېدى: بىر ئايدىن كېيىن ياسىنجان بۇنىڭ پايدىسىنى كۆردى، غازلار ئۇنىڭ خالىس ئوت ئوتىغۇچىلىرى بولدى. چىلانلىقتىكى ئوت، ھاشارات – زىيانداشلار ئازايدى، غاز مايىقى چىلانلىققا ياخشى ئوغۇت بولدى. ياسىنجان ئائىلىسى باغچى كەنتىدىكى ئۈلگىلىك ئائىلىگە ئايلاندى، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەشۋىشىمۇ يوقالدى.

  ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش

  سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى تاڭ يىجۈەن سالغۇزەك يېزىسىنىڭ تەرەققىياتىدىن غەم يەپ كەلگەنىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: سالغۇزەك يېزىسى تەكلىماكان قۇملۇقى بويىغا جايلاشقان، تەبىئىي شارائىتى بىر قەدەر ناچار، مۇھىتى نىسبەتەن بېكىنمە ھالەتتە بولۇپ، بۇ دەل بۇ يېزىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. كەسىپ قۇرۇلمىسى ئاددىي، دېھقانلارنىڭ كىرىمى تۆۋەن، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋە كادىرلارنى مۇقىملاشتۇرۇش قىيىن بولۇش سالغۇزەك يېزىسىنىڭ بىرقانچە گەۋدىلىك مەسىلىسى بولۇپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىدا پائال ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

  چيەن شيەنجۇ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن ئۆگىنىپ، ئاساسىي قاتلام ئامما بىلەن سىرداشقاندا، بىر تەرەپتىن، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئېسىل پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چۈشەنگىلى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ. ئاساسىي قاتلامدا چېنىقىشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا بارىدىغان يولداشلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە مۇلازىمەت ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە ‹‹جايىدا بولۇش، كارغا كېلىش، ئۈنۈملۈك بولۇش››نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر