باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-فېۋرال، شىنجاڭ كېرىيەدە 7.3 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇردى

كوئىنلون تېغى ئاستىدىكى چوڭقۇر مۇھەببەت

2014.02.24 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-فېۋرال، ئاچچان يېزىسى پېشگەر كەنت ئاھالىسى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. 13-فېۋرال سائەت 18:00دە، جۇڭگو قىزىل كرىست باش جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى كېرىيە ناھىيەسىدىكى يەر تەۋەش مەركىزىگە ئەڭ يېقىن ئاچچان يېزىسى پېشگەر كەنتىگە يەتكۈزۈلدى. (يۈ فېي فوتوسى.)

  شىنجاڭ كېرىيەدىكى 7.3 بال يەر تەۋرەشتە 45 مىڭ 500 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى، 40 مىڭ ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى ياكى بۇزۇلدى، تاشيول، كۆۋرۈك، سۇ ئىنشائاتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلدى، ئاپەتتىن كېلىپ چىققان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 1 مىليارد 81 مىليۇن يۈەنگە يەتتى.

  ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭ كېرىيەدىكى 7.3 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ــ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مۇھىم تەستىق سالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كېرىيەدە كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى.

  يەر تەۋرەشتىن يەتكەن زىيان زور بولمىسىمۇ، لېكىن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز تەبىئىي شارائىتى بىر قەدەر ناچار، تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز رايون بولغاچقا، دېھقان ــ چارۋىچىلار تۇرالغۇ ئۆي ، ئىچىملىك سۇ، ئىسىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە قىيىنچىلىق تارتىپ قالىدۇ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ــ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە بەلگىلىك قىيىنچىلىق بولىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ يەر ئاز سانلىق مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون، بۇ رايوننى قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش مىللىي رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ــ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا مەركەز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھازىرنى ۋە يىراقنى كۆزلەپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قۇرۇلۇش قەدىمىنى ھەقىقىي تېزلىتىپ، بۇ رايوندىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار بولۇپمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئۆزگىرىشنى كۆرۈش، ئىللىقلىقنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر