- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
«2013-يىللىق ئىستاتىستىكا ئاخباراتى»دا قوشۇلغان ۋە قىسقارتىلغان بۆلەكلەر كۆرسەتكۈچىدە شەھەر ـ يېزا ئاھالىسىنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەن كىرىم سانى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى
2014.02.25 16:18 مەنبە: خەلق تورى
ئاھالە كىرىمى %8.1 ئاشتى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 24-چېسلا ئېلان قىلغان «2013-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستاتىستىكا ئاخباراتى»نى ئېلان قىلدى، ئاخباراتتا شەھەر ـ يېزا ئاھالىسىنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەن كىرىم سانى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى؛ 2013-يىلى پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى كىشى بېشىغا 18 مىڭ 311 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %11.9 ئاشتى، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىي ئاشقىنى %8.1 بولدى.
باشقا ساھەدىكىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئاھالە كىرىمى بىلەن ج د پ نىڭ ئېشىشى ماس قەدەمدىمۇ دېگەن مەسلىگە قارىتا، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، 2013-يىلى ئىلىمىز ج د پ سىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئەمەلىي %7.7 ئاشتى، نوپۇس تەبىئىي ئېشىش ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.1 ئاشتى، بۇنىڭغا ماسلىشىپ پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئۆز ئىلكىدىكى كىرىمى %8.1 ئاشتى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر