باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز: ياپونىيە سىياسىي ئەربابلىرىنىڭ بىمەنە سۆزلىرى تاجاۋۇزچىلىق تارىخى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش مەقسىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلىدى، دېدى

2014.02.25 16:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 20 – فېۋرال تېلېگراممىسى. ياپونىيەنىڭ بەزى سىياسىي ئەربابلىرىنىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزونىڭ ياسوكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاب قىلىشىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدىكى پىكرىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 20 – فېۋرال مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەققانىي ساداسىغا سەل قارىغان بۇ بىمەنە سۆزلەر ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش مەقسىتىنىڭ يوقلۇقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

  شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىر: خەۋەرگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى تارو ئاسو 19 – فېۋرال پارلامېنتتا: دۆلەتنىڭ دۆلەت ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان كىشىلەرگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن تەزىيە بىلدۈرۈشى ھەقلىق، ئابې شىنزونىڭ ياسوكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلىش جۇڭگو، كورېيە قاتارلىق قىسمەن دۆلەتلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ، دېگەن. ياپونىيە كابىنېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى خوندا ئېتسۇرو شۇ كۈنىدىكى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ياپونىيە باش ۋەزىرى ياسوكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاب قىلمىسا، ياپونىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئورنى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، دېگەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ياپونىيە سىياسىي ئەربابلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەققانىي ساداسىغا ئېتىبارسىز قاراپ قىلغان بىمەنە سۆزلىرى ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش مەقسىتىنىڭ يوقلۇقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. ئۇلار ھەتتا: ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپ ئۆزگەرتىلمىسە، ياپونىيەنىڭ ‹‹خەلقئارادىكى ئورنى››نى ئۆستۈرگىلى بولمايدۇ، دەپ قارىماقتا. ‹‹بۇ قانداق لوگىكا؟! ئۇلار زادى قانداق ئۇچۇر بەرمەكچى؟››.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر