باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى تېرلىيون 200 مىليارد يۈەن مائارىپ خىراجىتىنىڭ قانداق ئىشلىتىلگەنلىكى چۈشەندۈرۈلدى

2014.02.24 10:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى مەزگىلدە مائارىپ مىنىستىرلىقى،دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى،مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان مەملىكەتلىك مائارىپ راسخوتى ئىستاتىستىكا ئېلانىدا كۆرسىتىلىشىچە،2012-يىلى دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىق مائارىپ راسخوت چىقىمى ئىككى تېرلىيون 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ،ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %4.28 نى ئىگىلىگەن.ئامما بۇ باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ غايەت زور راسخوتىنى قانداق ئىشلىتىش،قانداق باشقۇرۇشقا ئىنتايىن دىققەت قىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، مۇئاۋىن مىنىستىر دۇ يۈبو 20-فېۋرال مۇنداق دېدى:مائارىپ راسخوتى ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، تولۇقلىما بېرىش، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.

  دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىق مائارىپ راسخوت چىقىمىنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %4 تىگە يەتكۈزۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بېكىتكەن نىشان.دۇ يۈبو مۇنداق دېدى : %4 پۇل بىلەن مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلدى.ئاساسلىقى ھەقىقىي ئېھتىياجغا ئىشلىتىلدى. ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيەت مائارىپىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىغا كاپالەتلىك قىلىش،مەكتەپلەرنىڭ يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. %4 لىك مەبلەغنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مەجبۇرىيەت مائارىپىغا ئىشلىتىلدى. باشلانغۇچ مەكتەپ،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاممىۋى مالىيە كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. دۇ يۈبو مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن مەركەز مالىيىسى مۇھىم نۇقتىنى رايون ھالقىغان، ئالاھىدە رايون، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىشقا قارىتىپ، مەملىكەت دائىرىسىدە مائارىپنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ تەڭپۇڭلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىيلىق مەسىلىلىرى نۇقتىلىق ھەل قىلىنىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ. ئالايلۇق، ئۆلكە ھالقىغان كۆچمە نوپۇس پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى مەسىلىسى، تۇتاش كەتكەن نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ مەسىلىسى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ مائارىپنى باراۋەر قوبۇل قىلىش مەسىلىسى نۇقتىلىق ھەل قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر