- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۆسمۈرلەر بالىلار ئارتىسلىرى خىزمىتى كومىتېتى يىغىنى ئېچىلدى
2014.02.24 10:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو رادىئو تېلېۋىزىيە جەمئىيىتى ئۆسمۈرلەر بالىلار ئارتىسلىرى خىزمىتى كومىتېتى يېقىندا بېيجىڭدا خىزمەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا كومىتېتنىڭ 2013-يىللىق خىزمىتى يەكۈنلەندى ھەمدە 2014-يىللىق خىزمەت پىلانى تۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقانلار ۋە ئۆسمۈرلەر بالىلار ئارتىسلىرى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپى مۇنۇلارنى بىلدۈردى :غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئۆسمۈرلەر بالىلار ئارتىسلىرى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو رادىئو تېلېۋىزىيە جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە كومىتېتىمىز جەزمەن يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگونىڭ كىنو - تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر