باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى%80 ناھىيە، شەھەردە ئەخلەت ياكى يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرۇلدى

2014.02.25 16:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تويا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇرۇلغان ئەخلەت ۋە يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2012 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى %76.85 ناھىيە (شەھەر، رايون)دە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ياكى يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرى قۇرۇلغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىش››تا چىڭ تۇردى، جايلار ئەخلەت ۋە يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش ئارقىلىق، شەھەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەخلەت ۋە يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرىنىڭ قانچىلىك ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 35 ناھىيە (شەھەر، رايون)دە قۇرۇلغان ئەخلەت ۋە يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلدى ھەم تەكشۈرۈش دائىرىسىنى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ سىياسەتنى ئىجرا قىلىشى، يەرلىكنىڭ يانداش سىياسەتلىرى، بايلىقتىن قايتا پايدىلىنىش جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈشكىچە كېڭەيتتى.

  ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، 2012 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن 62 سى، يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن 86 سى، دوختۇرخانا ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن سەككىزى، ئاشخانا ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن بىرسى قۇرۇلغان؛ ئەخلەتنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن 32 سى، يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن 37 سى يېڭىدىن قۇرۇلۇۋېتىپتۇ.

  ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغان 35 ناھىيە(شەھەر، رايون)دە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن 30 ى قۇرۇلغان بولۇپ، كۈنىگە 9255 توننا ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن، بۇ تۈرگە جەمئىي 903 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاساسلىقى دېزىنفېكسىيە قىلىپ كۆمۈش ياكى ئاددىي بىر تەرەپ قىلىپ كۆمۈش ئۇسۇلى قوللىنىلغان؛ يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن 44 ى قۇرۇلغان بولۇپ، كۈنىگە 1 مىليون 192 مىڭ 200 كۇب مېتىر يۇندى بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن، بۇ تۈرگە جەمئىي 3 مىليارد 830 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر