باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئوبامانىڭ دالەي بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

2014.02.24 09:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوبامانىڭ 21-فېۋرال دالەي بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئوباما دالەي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، جۇگونىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى جاڭ يېسۈي دەرھال ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسىنى چاقىرىتىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ خاتا قىلمىشى ھەققىدە ئامېرىكا بىلەن كەسكىن سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىگىلىنىشچە، 21-فېۋرال كەچتە، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى جاڭ يېسۈي ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى كاڭدانى جىددىي چاقىرىتىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ جۇڭگونىڭ قاتتىق قارشى تۇرىشىغا قارىماي جاھىللىق بىلەن دالەي بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا ئامېرىكا بىلەن كەسكىن سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  جاڭ يېسۈي مۇنداق دېگەن: ئامېرىكىنىڭ بۇ خاتا قىلمىشى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قاتتىق ئارىلاشقانلىق، ئۆزىنىڭ شىزاڭنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللىماسلىق توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق، بۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زور زىيان سالىدۇ. جۇڭگو بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: شىزاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىزاڭنىڭ ئىشلىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرى، ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. ئەگەر ئامېرىكا ئۆزى خالىغىنىچە ئىش قىلسا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقىغا ۋە مۇناسىۋىتىگە زىيان يېتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىگىمۇ زىيان يېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر