باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇلتۇر كۇچا ناھىيەسىنىڭ كەسپىي مائارپنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

2014.02.25 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان، ئابدۇسالام ھەسەنلەر خەۋىرى: كۇچا ناھىيەسى بۇلتۇر كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ يىتىشتۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتقانلىقتىن كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش بولدى.

  بۇ ناھىيە بۇلتۇر «2013-يىللىق كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇختۇرۇش» نى تۈزۈپ تارقىتىپ، مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ھەر قايسى يېزا-بازارلار ۋە ئەتراپتىكى ناھىيە ( شەھەر )لەرگە ئەۋەتىپ، تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىلىم ئاشۇرۇش خاراكتېرىدىكى ئۇقۇغۇچىلار، « ئىككىدە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار»غا قارىتىلغان پۈتۈن ئشىتاتلىق ئوقۇش تۈزۈمى بويىچە تەربىيەلەپ يىتىشتۈرۈش ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. دېھقان، چارۋىچىلارنى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە ئۇلارنى ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمگەكچىلەرنى تەربىيەلەش قېتىم سانىنى 1907 قارارغا يەتكۈزۈپ، 133 مىڭ 813 ئادەمنى تەربىيەلىدى. بۇ پۈتۈن ناھىيەدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ %52.49نى ئىگىلىدى. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە 91 ئوقۇغۇچى ئەۋەتتى. پۈتۈن كۈنلۈك ئۇقۇش تۈزۈمى بويىچە 378 ئۇقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، تۈرلۈك كەسپىي مائارپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر