باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شەرت–شارائىت ھازىرلاپ سۆزلىشىش يوللىرىنى ئاچايلى

2014.02.24 17:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇ بىيى، لى دۇڭمېي، لى لىن

  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شېڭ چۈنشۇ 2 – فېۋرال بىزگە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كەسپىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىلغار قاراشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

  شېڭ چۈنشۇ غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كەسپى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى سىستېمىسىدا خىزمەت قىلغان 30 يىلدا شىنجاڭنىڭ يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقى توغرىسىدا مول بىلىمگە ئىگە بولغان. ئۇ تۇرپاندا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قوللىنىلغان 24 خىل تىل ئىچىدە 18 خىل تىلنىڭ يېزىق خاتىرىسى قالغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتىكى تۇرپان ھەقىقەتەن شەرق بىلەن غەربنىڭ ئالاقە نۇقتىسىدىكى گۈللەنگەن شەھەر بولغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شىنجاڭ قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ مۇھىم بۆلىكى بولۇشتەك رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى 2013 – يىل 21 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ‹‹مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنى›› ئاچتى، يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ‹‹يىپەك يولى مەدەنىيەت بەلبېغى›› قۇرۇلۇشى مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى.

  شىنجاڭ يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە جايلاشقان، ئۇنىڭ رولىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ شېڭ چۈنشۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ‹‹يىپەك يولى مەدەنىيەت بەلبېغى››نىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى ئەستايىدىل قېزىپ چىقىپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەسىلەن، جۇڭگو، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ ‹‹يىپەك يولى تەڭرىتاغ كارىدورىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ››نى دۇنيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تۈرىگە بىرلىشىپ ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ب د ت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كومىتېتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى. تۈرلەرنى يولغا قويۇش داۋامىدا، ھەرقايسى دۆلەت ئەمەلدارلىرى، مۇتەخەسسىسلىرى بىرلىكتە يىغىن ئېچىپ ۋە كېڭىشىپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ‹‹خەلقئارالىق نەزەر›› نۇقتىسىدا تۇرۇپ شىنجاڭغا نەزەر تاشلاش كېرەك. شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى مەملىكەت، ھەتتا خەلقئارانى ئارقا كۆرۈنۈشكە قويۇپ تونۇش كېرەك. يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر كۆپ جەھەتلەردىن بىز بىلەن ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىققا ئىگە، بۇنىڭدا چوقۇم ئۆزئارا ئالاقە باغلاپ، ھەمكارلىشىپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك. شېڭ چۈنشۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا چېتىلىدىغان مەسىلىدە ‹‹ئۆزىنى ئاساس قىلغان›› ھالدا مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۇسۇلىدىن پەخەس بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ: قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، چىقىرىش – كىرگۈزۈش جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ئالاقە ۋە نەزەر دائىرىنى كېڭەيتمەي، سۇبيېكتىپ پەرەر بويىچە تەسەۋۋۇر يۈرگۈزگەندە، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن، دېدى.

  شېڭ چۈنشۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مۇزېي كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانمۇ كىچىكلىكتىن زورىيىش، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشتەك تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. بۇ تەرەققىيات جەريانىدا بىز فىرانسىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كەسىپداشلار بىلەنمۇ ھەمكارلاشقان. بىز باشتىن – ئاخىر <ئۆزىمىزنى ئاساس قىلىش>تەك چەت ئەل بىلەن ھەمكارلىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغاچقا، بۇ ھەمكارلىق تۈرلىرى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كەسپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇڭا، بىز يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق، ئالاقىدىمۇ ‹‹ئۆزىمىزنى ئاساس قىلىش›› پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا زوق ئېلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كەسپىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى، بۇنىڭدا شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كەسپى كۈچىگىلا تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ. بۇنىڭدا دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى، دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىقتىدار ۋە پەن – تېخنىكا جەھەتتىن تىرەك بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاش ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ساھەسىدە تۆھپىسى بار بىرقىسىم تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىق رامكىسى كېلىشىمى ئىمزالاپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئاسارئەتىقىلەرنى بىرلىكتە تەتقىق قىلدى.

  شېڭ چۈنشۇ مۇنداق دېدى: كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىش ھەمكارلىق مۇنبىرىگە موھتاج. جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى ۋە شىنجاڭ خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمى ناھايىتى ياخشى مۇنبەر ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ مۇنبەردىن ياخشى پايدىلىنىپ كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىشىپ ۋە ئالاقە ئورنىتىشىمىز، بولۇپمۇ مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر