22-فېۋرال، ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىدىكى زۇڭلى مەھكىمىسىدە، يېڭى زۇڭلى ماتتېئو رېنزى قوڭغۇراق چېلىپ زۇڭلىلىق ھوقۇقىنى رەسمىي يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىنخۇا تورى، رىم، 22-فېۋرال تېلېگراممىسى: ئىتالىيە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ماتتېئو رېنزى ۋەكىللىكىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىتالىيە ھۆكۈمىتى 22-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە رەسمىي قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى.
شۇ كۈنى، ئىتالىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ماتتېئو رېنزى رىمدىكى زۇڭلى مەھكىمىسىدە قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى. قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رېنزى ئىتالىيە زۇڭلى مەھكىمىسىدا سابىق زۇڭلى ئېنرىكو لېتتا بىلەن ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت مۇئاۋىن زۇڭلى تەسىس قىلىنمىغان، ئىچكى كابىنېت مىنىستىرلىرىنى ياشلاشتۇرۇش بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 48 ياش. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېت 16 نەپەر مىنىستىر ۋە بىر نەپەر زۇڭلى مەھكىمىسى دۆلەت كاتىپىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك لېتتا ھۆكۈمىتىدىن بەش كىشى ئازايغان. يېڭى ئىچكى كابىنېتتا سەككىز ئايال مىنىستىر بار بولۇپ، بۇلار دىپلوماتىيە مىنىستىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئوڭ قانات پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئالفانو داۋاملىق ئىچكى كابىنېت مىنىسىرى بولغان.