باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ يىل ئىچىدە نوپۇس بىلەن پۇقرالار كىملىك نومۇرىنىڭ بىردىنبىرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2014.02.24 10:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى ئاچتى، مۇئاۋىن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى خۇاڭ مىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تۈزەپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوپۇس بىلەن كىملىك ئۇچۇرىدىكى خاتا، تەكرار، ساختا مەسىلىلەرنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە نوپۇس بىلەن كىملىك نومۇرىنىڭ توغرىلىقى، بىردىنبىرلىكى، نوپۇزلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنى قاپلىغان بىر تۇتاش، ئۆلچەملىك نوپۇس ئۇچۇر ئامبىرىنى قۇرۇپ، نۆۋەتتىكى قوللىنىشى ئەڭ كەڭ، بىر قەدەر ئەتراپلىق توغرا بولغان ئاساسىي ئۇچۇرغا ئايلاندۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ بىر تۇتاش ئىجتىمائىي ئىناۋەتلىك كود نومۇرى تۈزۈمى قۇرۇلۇشى، جەمئىيەتنىڭ سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاساس سالغان. 2009-يىلىدىن بۇيان، نوپۇس تىزىملاشنى باشقۇرۇشتا ساقلانغان بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ خاتا، تەكرار، ساختا بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، ئېنىقلاپ تۈزەشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالار كىملىك نومۇرى تەكرارلانغان كىشىدىن بىر مىليون 600 مىڭنى ئېنىقلاپ تۈزىتىپ، تەكرارلانغان بىر مىليون 800 مىڭ نوپۇسنى تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتكەن ھەم بۇنىڭ ئىچىدىكى نەچچە يۈز ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن، ئىنتىزام بويىچە سۈرۈشتۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر