باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى مۇھىم نۇقتىلار

2014.02.24 17:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

  ●يېڭى ۋەزىيەتتە دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى بەرپا قىلىش چىڭ تۇتۇلىدۇ

  ●يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

  ●يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، ئاسراش تۈزۈمى كۈچەيتىلىدۇ

  ● يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار›› سېلىنمىسىنى مۇقىم ئاشۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

  ●يېزا ئىگىلىكىگە تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

  ●يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغ بىر تۇتاش پىلانلىنىپ ۋە بىر تۇتاش ئىشلىتىلىدۇ

  ●ئېتىز – ئېرىق، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ئاسراش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

  ●زامانىۋى تېرىقچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىدۇ يېزا ئىگىلىك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلىدۇ

  ●ئېكولوگىيەگە ماس كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى تېزلىتىلىدۇ

  ●يېزا ئىگىلىك بايلىقلىرىنى ئارام ئالدۇرۇش سىناق قىلىنىدۇ يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ

  ●يېزا يېرىنى ھۆددىگە بېرىش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

  ●يېزىلارنىڭ كوللېكتىپ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ

  ●يەر ئېلىش تۈزۈم ئىسلاھاتى تېزلىتىلىدۇ يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ

  ●كۆپ خىل شەكىلدىكى كۆلەملىك ئىگىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ

  ● يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

  ●ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتى تېزلىتىلىدۇ يېزىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش تېزلىتىلىدۇ

  ●پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار››غا مۇلازىمەت قىلىش ۋەزىپىسى كۈچەيتىلىدۇ

  ●يېڭىچە يېزا ھەمكارلىق پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ

  ●يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتىسىنى قوللاش سالمىقى زورايتىلىدۇ شەھەر، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمە مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

  ●يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى تەرتىپكە سېلىنىدۇ

  ●شەھەر، يېزىلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكى تېزلىتىلىدۇ

  ●يېزا ئىگىلىك نوپۇسىنى شەھەر نوپۇسىغا ئۆزگەرتىش تېزلىتىلىدۇ يېزا، كەنتلەرنى تۈزەش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

  ●يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ

  ●ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

  ● ئاساسىي قاتلاملارنىڭ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىلىدۇ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر