باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يەر ئوبوروتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلىك ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

2014.02.24 10:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، نۆۋەتتە يېزا يەرلىرىنى ھۆددىگە بېرىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايلاندۇرۇش تېز بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى 21-فېۋرال ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن يېزا يەرلىرىنى ھۆددىگە بېرىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، يەر ئايلاندۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەركەزنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىگىلەپ، يەر ئايلاندۇرۇشنىڭ قېلىپلىق، تەرتىپلىك، تەكشى، ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەر ئايلاندۇرۇشتا، قانۇن بويىچە ئىختىيارى، ھەقلىق بولۇش پىرىنسىپىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان سالماسلىق، يەر ئىشلىتىش يوللىرىنى ئۆزگەرتمەسلىك، يېزا ئىگىلىك ھەر تەرەپلىمە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزمەسلىك لازىم؛ ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىنى ھۆرمەتلەش، چوڭ سەكرەك ئىلگىرىلىمەسلىك، مەجبۇرىي بۇيرۇق قىلماسلىق، قارىسىغا قوماندانلىق قىلماسلىق كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يەر ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش لازىم. يەر ئايلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى دېھقان ئائىلىلىرى، ھەر قانداق تەشكىلاتنىڭ ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھۆددىگە ئالغان يېرىنى ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلىش ھوقۇقى يوق، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش نامى بىلەن، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھۆددە يېرىنى سىرتتىن خېرىدار چاقىرىپ مەركەزلىك تىجارەت قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلىش، زور كۆلەملىك تىجارەت ئۈستىدە ئىزدىنىشتەك بىر تەرەپلىمە خاھىشتىن ساقلىنىپ، نەتىجە قۇرۇلۇشىنى قاتتىق چەكلەش كېرەك.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: يەر ئايلاندۇرۇش يۈز مىليونلىغان دېھقانلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى سىياسەت قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئەڭ تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاپ، فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، قانۇن بويىچە قاتتىق ئىش بېجىرىشى؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈش، نازارەتنى كۈچەيتىپ، مەسىلە بولسا ۋاقتىدا پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرگە دوكلات قىلىشى، قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر