تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللا گۈل 21-فېۋرال پايتەخت ئەنقەرەدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە جۇڭگولۇق مەشھۇر يازغۇچى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى مويەن بىلەن كۆرۈشتى
شىنخۇا تورى، ئەنقەرە، 21-فېۋرال تېلېگراممىسى: تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللا گۈل 21-فېۋرال پايتەخت ئەنقەرەدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە جۇڭگولۇق مەشھۇر يازغۇچى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى مويەن بىلەن كۆرۈشتى. تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 19-فېۋرال مۇنداق دەپ جاكارلىدى: نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى، جۇڭگولۇق يازغۇچى مويەننىڭ ئىستانبۇلنى زىيارەت قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيە بىر يىلدا يۈز جۇڭگولۇق ئالىمنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىش پىلانىنى غەلىبىلىك تاماملىدى.