- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2014-يىللىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىلىرىنى ئېلان قىلدى
2014.02.24 17:25 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، نۆۋەتتە ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2014-يىللىق مائارىپ سىستېمىسىنىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنىڭ مەبلىغىنى مۆلچەرلەپ ھېسابلاپ ، يازلىق ئوقۇش باشلىنىشى بىلەنلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلىش ۋە ئاجرىتىپ بېرىش ئىشلىرىغا تەييارلىق قىلغان . شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا ، مائارىپ نازارىتى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىگە ئاساسەن ، 2014-يىللىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى ۋەزىپىلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ ، تۈرلەر ۋە سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان .
ئىگىلىنىشىچە ، 2014-يىلى ، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئوقۇشتىن بۇرۇنقى مائارىپ كاپالىتى قۇرۇلۇشى، مەجبۇرىيەت مائارىپ كاپالىتى قۇرۇلۇشى ، شۇنداقلا كەسپىي مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپ كاپالىتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈركۈم ، توققۇز چوڭ تۈرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ ، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان مەبلەغ ئالتە مىليارد 38 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن . ئالدىنقى يىلىدىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى ، 2014-يىلى ئوقۇشتىن بۇرۇنقى مائارىپ تەرەققىياتىنى يۆلەش جەھەتتە يېزا-كەنتلەردىكى بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىلىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر