باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۆزگەرگەن، ئۆزگەرمىگەن نۇقتىلاردىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر (2)

2014.02.27 16:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹بايلىقنى ئىسراپ قىلىش بەدىلىگە تەرەققىي قىلىش، مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بەدىلىگە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش›› ئېلىمىز سانائەتلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا مەزگىلىدە نۇرغۇن جايدا مەۋجۇت بولغان ‹‹ئورتاق كېسەل››گە ئايلانغان. ئىقتىسادتا كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىۋاتقان شىنجاڭ بۇ جەھەتتە ئىزچىل ھوشيارلىقنى ساقلاپ كەلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن بايلىق ئېچىشتا ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدىغان چەك ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. 2013 – يىلى، شىنجاڭ ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى سېمونت، پولات – تۆمۈر، ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليۇمىن، تەكشى ئەينەك قاتارلىق تۈرلەرنى تۈزەشتە كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، مەملىكەت بويىچە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە تۆھپە قوشتى.

  ئۆزگەرگەن نۇقتا: پۇقرالارنىڭ ھەميېنى تومپىيىپ، بەختلىك ياشىماقتا

  ئۆزگەرمىگەن نۇقتا: خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇلدى

  29 ياشلىق گۈزەلقىز ئاقسۇ شەھىرى ‹‹جۈييىڭ›› پاختىچىلىق كەسپىي چەكلىك شىركىتى باش دىرېكتور ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ، كارخانىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىشىغا مەسئۇل. 2013 – يىلى، ئۇ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ يېزا – بازارلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى كارخانىغا قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئىشلىدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 70 نەچچە ئۇيغۇر ياش كارخانىغا كىرىپ توقۇمىچىلىق ئىشچىسى بولدى. بىر ئايدىن كېيىن، بۇ ياشلار تۇنجى مائاشى 2500 يۈەننى قولىغا ئالدى، بۇ ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى يېرىم يىللىق كىرىمىگە تەڭ دېگۈدەك ئىدى.

  ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2013 – يىلى شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 7400 يۈەنگە يەتكەن، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان يىلىغا ئۇدا 1000 يۈەن ئەتراپىدا ئېشىپ، تارىخىي بۆسۈش بولغان. بۇلتۇرنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 14 مىڭ 399 يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى %11تىن يۇقىرى بولغان.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پۇقرالارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتىش، تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش تېخنىكا ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش، يېزىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىگىلىك تىكلەش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، يېزا – بازارلاردا ئەمگەك كاپالىتى پونكىتى ۋە ئەمگەك مۇلازىمىتى شىركىتى قۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز يولغا قويدى.

  بۇ يىل قىشتا ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى كۆك ئاسماننى كۆرەلىدى، نەچچە مىليون كىشى ماسكىلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ساپ ھاۋا ۋە قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. قىسقىغىنا ئىككى يىلدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاساسىي شەھەر رايون ئاھالىسىنىڭ قىشلىق ئىسسىنىشىدىكى كۆمۈر كۆيدۈرۈلىدىغان پار قازانلار پۈتۈنلەي تەبىئىي گاز كۆيدۈرۈلىدىغان پار قازانغا ئۆزگەرتىلىپ، ھاۋا تۈپتىن ياخشىلاندى.

  6 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خەلقنى تەبىئىي گازدىن مەنپەئەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشى بۇلتۇر 42 ناھىيە ۋە شەھەردىكىلەرنى مەنپەئەتلەندۈردى.

  2014 – يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى›› پائالىيىتىنى ئۇدا 5 – قېتىم قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇشنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قانچە كۆپ ئېلىپ بېرىلسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ.

  ئۆزگەرگەن نۇقتا: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى ئورۇن، يېڭى رول

  ئۆزگەرمىگەن نۇقتا: ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇلدى

  ئاپتونوم رايون 2010 – يىلىدىكى مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى نامايەندە قىلغان ھالدا ‹‹ئالتۇن تەرەققىيات مەزگىلى››گە قەدەم قويدى. ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى تارىخىي پەللىدىن ئورۇن ئالدى، يېڭى ئىلگىرىلەش مۇساپىسى پىلانلىنىۋاتىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇر سېنتەبىردە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولغاندا، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شىنجاڭ مەملىكىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستېھكامى ۋە قەدىمكى يىپەك يولىدىكى ئەڭ يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگە يەنە بىر قېتىم ئىگە بولۇش بىلەن بىللە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۈشكۈل ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالدى.

  تەرەققىياتتا ئەگرى – توقايلىقتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، ئىلگىرىلەش يولىدا ئوڭۇشسىزلىقلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ھازىر شىنجاڭدا يەنىلا نۇرغۇن زىددىيەت مەۋجۇت. مەسىلەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى كەسكىن، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش قىيىن، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش – تىزگىنلەش بېسىمى كۈچلۈك ۋەھاكازالار. بولۇپمۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق – تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيە ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئۈزلۈكسىز توسقۇنلۇق قىلىشى شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاشتىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىغا قارىتا يېڭى ۋەزىپە ۋە تەلەپلەرنى قويدى.

  يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى مەخسۇس شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلاپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى خىزمەت يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. بۇنىڭدىن مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىيلىققا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقى تولۇق مەلۇم بولدى.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىملىققا، تەرەققىياتقا ئىنتىلىش ئارزۇسى باشتىن – ئاخىر ئۆزگەرگىنى يوق. 2013 – يىلى تورداشلار ‹‹مەن شىنجاڭنىڭ ئوبراز ۋەكىلى››، ‹‹مەن شىنجاڭلىق›› دېگەن تېمىلاردا مىكروبىلوگ پائالىيەتلىرىنى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىدى. ‹‹تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا تۇپرىقىمىز شىنجاڭنى چىن دىلىمىزدىن سۆيىمىز، شۇڭا بىز ھەر ۋاقىت قەيسەر››... چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان بۇ بىر جۈملە سۆزدىن پۇقرالارنىڭ مۇقىملىققا، ئىناقلىققا ۋە تەرەققىياتقا ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەشتە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

  تارىخىي تەرەققىيات كىشى ئىرادىسىگە بېقىنمايدۇ. يول ئېچىپ ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى ئۆزىدىكى ئاشۇ ئۆزگىرىش ۋە چىڭ تۇرۇشلارنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر