باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

سەئۇدىدا 100 ياشلىق تىلەمچى ئايال قازا قىلىپ نۇرغۇن مال-دۇنيانى قالدۇرۇپ كەتتى

2014.03.27 09:59        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر نەپەر 100 ياشلىق ياشانغان ئايال يېقىندا ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تىلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق جان بېقىپ كەلگەن بولۇپ، قازا قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تىللا، ئۈنچە-مەرۋايىت قاتارلىق 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن تۆت مىليون 980 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) قىممىتىدىكى مەخپىي مال-مۈلۈكنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكى بايقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە تېخى تۆت يۈرۈش ئۆي-مۈلۈكمۇ بار ئىكەن.

  سەئۇدى ئەرەبىستان «سەئۇدى گېزىتى» (Saudi Gazette)نىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قازا قىلغان بۇ ياشانغان موماينىڭ ئىسمى ئېيشا (Eisha)بولۇپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇ سەئۇدىنىڭ غەربىدىكى جىددە شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا تىلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق جان بېقىپ كەلگەن. ئۇ قازا قىلغاندىن كېيىن، 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن تۆت مىليون 980 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) قىممىتىدىكى مەخپىي مال-مۈلۈكنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكى بايقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە تېخى تۆت يۈرۈش ئۆي-مۈلۈكمۇ بار ئىكەن.

  ئېيشانىڭ خوشنىلىرى ئۇنىڭ غايەت زور سوممىلىق مال-مۈلۈكنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىدىن قاتتىق ھەيران قېلىشقان. لېكىن، ئېيشانىڭ ياش ۋاقتىدىكى دوستى ئەھمەد ئەل سەئىدى (Ahmed Al-Saeedi)بولسا، مۇشۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئېيشاغا ياردەملىشىپ ئۇنىڭ مال-مۈلۈكىنى باشقۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ھازىر، موماينىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.

  بەزى ئائىلىلەر ھازىرمۇ يەنىلا موماينىڭ ئۆيىدە ئولتۇرىۋېتىپتۇ. ئۇلار، موماينىڭ ئەزەلدىن ئۇلاردىن ئۆي ئىجارىسى ئېلىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھازىر ئۇلارنىڭ ئۆيدىن كۆچىرىۋېتىلىدىغان ياكى كۆچىرىۋېتىلمەيدىغانلىقىنى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. سەئىدى، ئېيشانىڭ كۆپ قىسىم مال-مۈلۈكلىرىنىڭ ئېيشا ۋە ئۇنىڭ قازا قىلغان ئانىسى ھەمدە ئاچىسىنىڭ تىلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق توپلىغانلىقىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپلىگەن خەير-ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئۇلارغا نۇرغۇن ئۆشرە-زاكات بەرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ رامىزان ئېيى مەزگىلىدە بېرىدىغانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلىكىنى بىلدۈرگەن.

  سەئىدى يەنە، ئۆزىنىڭ كۆپ قېتىم دوستىغا تىلەمچىلىك قىلىشنى توختىتىشقا نەسىھەت قىلغانلىقىنى، بىراق ئېيشانىڭ بۇنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ قىيىن كۈنلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ قويماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر