باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

9 ئۆلكىدە بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلدى

2014.03.26 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلى 3-ئايدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتە «بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولغان ئاتا-ئانىلار ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. ھازىرغىچە، 9 ئۆلكىدە بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلدى. ئۇندىن باشقا، 20 ئۆلكە بۇ سىياسەتنى يولغا قويۇش ۋاقىت جەدۋىلىنى ئېلان قىلدى.

  9 ئۆلكىدە يېڭى سىياسەت رەسمىي يولغا قويۇلدى، 3 ئۆلكىدە تۇغۇش ئارىلىقى چېكى تەسىس قىلىندى

  25-چىسلا، «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق توغۇت نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى(دەسلەپكى لايىھە)» ئۆلكىلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى كومىتېتلىرىنىڭ 7-يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا رەسمىي سۇنۇلدى. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ «لايىھە»نىڭ يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغاندىن كېيىنلا يولغا قويۇلۇشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. جۇڭگو ئاخبارات تورى مۇخبىرىنىڭ بايقىشىچە، گۇاڭدۇڭدا يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، پۈتۈن مەملىكەتتە جېجياڭ، جياڭشى، ئەنخۇي، تيەنجىن، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭشى، شەنشى، سىچۇەن قاتارلىق 9 ئۆلكىدە «بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى» يولغا قويۇلۇپ بولغان.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يېڭى سىياسەتنى يولغا قويۇش داۋامىدا تۇغۇش ئارىلىقى چېكى تەسىس قىلىش كېرەكمۇ ــ يوق، دېگەن مەسىلە كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئىتبارىنى قوزغىغان. يېڭى سىياسەت يولغا قويۇلۇپ بولغان ئۆلكىلەر ئىچىدە تيەنجىن، بېيجىڭ، سىچۈەن قاتارلىق 3 رايوندا تۇغۇش ئارىلىقى چېكى ساقلىنىپ قالغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر