باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەمۇرلارنى تۈرگە ئايرىش ئىسلاھاتى بۇ يىل ئىچىدە يولغا قويۇلۇشى مۇمكىن، ئاساسىي قاتلامدىكىلەرمۇ باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك تەمىناتتىن بەھرىمان بولالايدۇ

2014.03.26 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالاقىدار ئورۇندىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرىغا ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى «مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرىدىكى مەمۇرلارنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» ۋە «كەسپىي تېخنىكا تۈرىدىكى مەمۇرلارنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى تۈزۈۋاتقان بولۇپ، بۇ چارىلەر دۆلىتىمىزنىڭ مەمۇرلارنى تۈرگە ئايرىش ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم يىتەكچى ھۆججەت بولۇپ قالىدىكەن.

  ئەھۋالدىن خەۋەردار بۇ كىشىنىڭ دېيىشىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەتتە مىليوندىن ئارتۇق مەمۇرنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان بۇ ئىسلاھات مۇشۇ يىل ئىچىدە يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ يېڭى سىياسەت يولغا قويۇلسلا، مەمۇرلارنىڭ ھېچنىمىگە قارىماي باشلىقلىقنى تالىشىشىدەك ۋەزىيەت بىر ئاز ياخشىلىنىدىكەن. يەنى، ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلار گەرچە باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك رەھبەر بولالمىسىمۇ، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك تەمىناتتىن بەھرىمان بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر