باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مېھراي تۇرغانجان: قوش تىلدىن پايدىلىنىپ كەنتتىكىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن

2014.03.31 09:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەنزۇچىنى باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا ئۆگەنگەن، سەۋىيەم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان بەش يىلدا ناھايىتى تېز ئىلگىرىلىدى»، دېدى مېھراي تۇرغانجان 26 - مارت ئۆلچەملىك خەنزۇ تىلىدا. ئۇ ھازىر غۇلجا ناھىيەسى جىلىليۈزى بازىرى تۆۋەن زورىمەتيۈزى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

  مېھراي غۇلجا ناھىيەسىدىن بولۇپ، بۇ يەردە ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى %82نى ئىگىلەيدۇ. مېھراي تىل مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئاددىي خەنزۇچە گەپلەرنىلا بىلەتتى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن خەنزۇچە ئۆتۇلىدىغان دەرسلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خەنزۇچە خەت يازالايدىغان، كىتابلارنى ئوقۇلايدىغان بولدى. ئۇ 2002 - يىلى شىنجاڭ تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىنژىنېرلىقى ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەقدىرىدە بۇرۇلۇش بولدى.

  «تەييارلىق بۆلۈمدە بىر يىل خەنزۇچە ئۆگىنىش ئارقىلىق خەنزۇچە ئاڭلاش، سۆزلەش، يېزىش ئىقتىدارىم تېز ئاشتى»، دېدى مېھراي. ئۇ خەنزۇچە سەۋىيەسىنى تېخىمۇ تېز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە بىرنەچچە خەنزۇ دوست تۇتقان، ئۇلار مېھراينىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇزىنى توغرىلىشىغا ياردەم بەرگەن. بىر يىللىق تەييارلىق ئوقۇشى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا، مېھراي خەنزۇچە سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنىڭ 6 - دەرىجىسىدىن ئۆتكەن. ئۇ، 2009 - يىلى ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرىنى تاللاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ تۆۋەن زورىمەتيۈزى كەنتىگە قوبۇل قىلىنغان.

  مېھراي قوش تىل ئۆگىنىشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇچە بىلمەيدۇ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئاساسەن خەنزۇچە بولغاچقا، كەنت ئاھالە كومىتېتىغا يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن ۋاقتىمدا كىشىلەر دائىم مېنى تەرجىمە قىلىپ بېرىشكە چاقىراتتى. 2010 - يىلى بۇ يەردە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىياسىتى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. مەن كەنت كادىرلىرى بىلەن بىللە سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ئۆيىگە بارغاندا نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى «كەنت ئاھالە كومىتېتى ھەق يىغقىلى كەلگەن ئوخشايدۇ»، دەپ خاتا چۈشىنىپ، بىزنى رەت قىلدى. شۇ ئىشتىن كېيىن، بوش ۋاقتىلاردا تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاندىن كەنتتىكىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ تەپسىلىي چۈشەندۈردۈم. ھازىر كەنتتىكىلەرنىڭ ئالدىغا بارمىساممۇ بولىدىغان بولدى، بۇ ئىش ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىشلىق بولغاچقا، ئۇلار ھازىر ئۆزلۈكىدىن كېلىپ مەسلىھەت سورايدىغان بولدى.

  مېھراي مۇنداق دېدى: قوش تىل بىلىش ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىمىزنى كېڭەيتىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزنى قانات يايدۇرۇشىمىزغا قولايلىق ياراتتى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا سىنىپىمىزدا جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىن كەلگەن 26 ئوقۇغۇچى بار ئىدى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ھەممىمىز خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇق، بەزىلەر مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، بەزىلەر كارخانىلاردا ئىشلىدى، يەنە بەزىلەر ئۆز ئالدىغان ئىگىلىك تىكلىدى، ھەتتا بەزىلەر چەت ئەلگە چىقىپ كەتتى. كەتتىكىلەر ھازىر بالىلىرىنى قوش تىل يەسلىسىگە بېرىشنى، قوش تىل مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇشنى خالايدۇ، چۈنكى ئۇلار مۇنداق قىلغاندا بالىلىرىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

  مېھراي مۇنداق دېدى: دېھقان قىزى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوش تىل مائارىپى قۇرۇلۇشىدىن نەپكە ئېرىشىپ بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىدىم، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆگەنگەن بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ كەنتتىكىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر