باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاخبارات پوپوزىسى ۋە يالغان خەۋەرلەرگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش قارار قىلىندى

2014.03.28 16:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى،جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىئو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، مەملىكەتلىك شەھۋانىيلىك ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتى قاتارلىق توققۇز تارماق بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئاخبارات پوپوزىسى ۋە يالغان خەۋەرلەرگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلارنى تەكىتلەندى:قانۇن قائىدە نىزام ۋە باشقۇرۇش نىزامىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تۈزۈملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ،ئاخبارات پوپوزىسى ۋە يالغان ئاخبارات قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىشكە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش لازىم. مەلۇم قىلىش، ئەرز قىلىش تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىئو كىنو تېلېۋىزىيە تارماقلىرى، ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇرلىرى مەزمۇنىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى، شەھۋانىيلىك ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش تارماقلىرى، مۇخبىرلار جەمئىيەتلىرى توردا پاش قىلىش مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىش؛پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلىش، جەمئىيەتتىكى مەلۇمات ، ئەرزىيەتنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىش كېرەك.

  ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىغا تاراتقۇلار ۋە مۇخبىرلارنىڭ راست بىلەن يالغاننى پەرق ئېتىش،تور بېكەتلىرى ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە قۇلايلىق يارىتىش لازىم.تاراتقۇلار باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى زاتلار ۋە كەسپىي ساھە ۋەكىللىرىنىڭ تاراتقۇلار، تور بېكەتلىرى ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ كەسىپ بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش،ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك باھالاشقا تەشكىللەپ،جەمئىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىنىش ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ ئىنتىزامچانلىق سەۋىيىسىنى ئۈستۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر