باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ رۇسىيىنى جازالاش ھەققىدىكى پىكرى بىردەك بولمىدى(1)

2014.03.28 16:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پرېزدېنتى ئوباما 26-مارت بىريوسىلدىكى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولدى.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنانى رۇسىيىدىن قۇتۇلۇپ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشكە ئازدۇرۇشىدىن پەيدا بولغان كرىزىس ھازىرغىچە داۋاملاشقانلىقتىن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كۈتكىنىدىن چەتنەپ كەتتى. قىرىم ۋە سىۋاستىپول ئومۇم خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇپ، رۇسىيىگە كىرىشنى قارار قىلدى. ئەمەلىيەت ئۇكرائىنانىڭ خەرىتىسىنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، ھەتتا غەربنىڭ كۆز قارىشىدىكى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ خەرىتىسىنى ئۆزگەرتتى. بىراق ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى مەيلى سىياسەت، ئىقتىساد ياكى ئىستراتېگىيىلىك بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن بولسۇن بارغانسېرى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا پايدىسىز بولدى. ھازىر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيىنى جازالاش مەسىلىسىدە ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

  گەرچە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا، ئەگەر رۇسىيە مۇقىملىقنى بۇزىدىغان تەدبىرلەرنى يەنە قوللىنىۋەرسە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ رۇسىيىنى جازالاش تەدبىرى ئىقتىساد ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ زور دائىرىنى قاپلايدۇ، دېدى. لېكىن ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى تامامەن بىردەك ئەمەس. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تاشقى ھەرىكەت مەھكىمىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتىدىن رۇسىيىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالاش مەسىلىسىدە ئامېرىكا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى ئالدىدا مېڭىشقا ئۈندەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.

  بۇ ئەمەلدار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش تەس ئەمەستەك قىلىدۇ. جۇغراپىيىلىك نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۇكرائىنا كرىزىسى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئائىلىسىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدىكى ئىش. ئامېرىكىدىن يىراق . سىياسىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا كرىزىسىنى باشلاپ بەرگۈچى، يىغىشتۇرغىلى بولمايدىغان ۋەزىيەت كۆرۈلگەن ھامان، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى سىياسىي ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل سىياسىي يۈكى يوق. خەلقئارا مۇناسىۋەت جەھەتتىن قارىغاندا،ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيىنىڭ يىرىكلىشىشى ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ يىرىكلىشىشىدىن پەيدا بولغان زەربە تامامەن ئوخشاش ئەمەس، ئامېرىكىغا بۇ ئېنىق. رۇسىيە بىلەن نۆۋەتتىكى قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ، ئۈز ئارا دۈشمەنلەشسە، سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشنىڭ كۆلەڭگىسى پەيدا بولىدۇ. بۇ شەكشۇبىھىسىزكى ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇھىم ئىشىغا ئۇيغۇن كەلمەسلىك بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىستراتېگىيىلىك مەركىزىنى يۆتكەشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇددىئاسىغىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر