باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ رۇسىيىنى جازالاش ھەققىدىكى پىكرى بىردەك بولمىدى(2)

2014.03.28 16:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا كرىزىسى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا تەڭقىسلىقتا قالغان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە ئېكسپورت جەھەتتە ھەقىقىي ۋەدە بېرىپ، مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، باھانى تۆۋەنلىتىپ، ئېنېرگىيە سودا ساھەسىدە رۇسىيىنى جازالاشقا يان تاياق بولۇشىنى ئەڭ ئارزۇ قىلماقتا.

  بىراق ئوباما ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە ئازراقمۇ يول قويمىدى. دىپلوماتىك تۈسى سىڭگەن بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ باياناتىدا،ئامېرىكا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا بولغان ئېنېرگىيە ئېكسپورتنى كۆپەيتىش ئۈستىدە پرىنسىپال پوزىتسىيە تۇتتى.ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان باھا مەسىلىسىدە ھېچقانداق ۋەدە بەرمىدى. يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلار ئامېرىكا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى ئېنېرگىيىنىڭ كۆپ خىللىقى جەھەتتىن قوللاش تەدبىرىنى يولغا قويامدۇ يوق دەپ سورىغاندا،ئوباما يوشۇرمايلا ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە مەن رەئىس ۋانرونپى ۋە بارىسسوغا مۇنداق دېدىم: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى نۇقتى نەزىرىنى ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئېكسپورت قىلىدىغان ئېنېرگىيىنى قانداق كۆپەيتىشىگە قارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئۆزىنىڭ قانداق ئاماللار بىلەن تەمىناتنى كۆپەيتىشىگىمۇ قارىتىشى كېرەك.

  ئامېرىكىنىڭ سىلانىتىس گاز ئىنقىلابى نېفىت تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. ھازىر رۇسىيىدىن ھالقىپ يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتىگە ئايلاندى. ئامېرىكا تەبىئىي گاز ئېكسپورت سىياسىتىدە ئېھتىياتچانلىق پوزىتسىيىسى تۇتۇپ، تەبىئىي گازنى ئۆز دۆلىتىگە تېخىمۇ كۆپ قالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلماقتا. كەسپىي زاتلارنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، ھازىرقى بازار باھاسى بويىچە، ئەگەر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئامېرىكىدىن تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلسا، بېرىشكە تېگىشلىك خىراجەت رۇسىيىدىن ئىمپورت قىلغاندىن %60 يۇقىرى بولىشى مۇمكىن.

  مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئېنېرگىيە بازىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئامېرىكىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گېزى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن رۇسىيىنىڭ تەبىئىي گازىدىن باشقا بىردىن بىر تايىنىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسى. رۇسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى تەمىنلەيدىغان تەبىئىي گازنى ئۈزگەن ھامان، ئامېرىكا بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدۇ. ۋاشىنگتون بۇنى بەش قولدەك ئېنىق بىلىدۇ. شۇڭا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ شىكايىتىگە قارىتا ئوباما پوزىتسىيىسىنى ئېنىق قىلىپ: بۇرادەر،ھېساباتنى ئېنىق قىل،دېدى.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە ئامېرىكىدىن ۋەدە ئالالمىغاچقا رۇسىيىگە يۇمشاق قوللۇق قىلماقتا. ۋانرونپىي رۇسىيىنى جازالاش تەدبىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:جازالاش تەنبىھ جازا ئەمەس، جازالاش ئۆچ ئېلىشمۇ ئەمەس.جازالاش بىر خىل ئىجابىي ئىلھام. بۇ ئارقىلىق خەلقئارا قانۇندىكى سىياسەت ۋە دىپلوماتىيە بويىچە مەسىلىنى ھەل قىلىش لايىھىسىنى ھاسىل قىلىش. شۇڭا جازالاش مەقسەت ئەمەس.

  ۋانرونفىنىڭ سۆزى يىغىن مەيدانىغا خۇشاللىق ئاتا قىلدى. مۇخبىرنىڭ يىنىدىكى رۇسىيىلىك مۇخبىر مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى يىغىندىن پرېزدېنت پۇتىننىڭ يەڭگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر