خلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «يېڭى خەلقئارا» مىكروبلوگ خەۋىرى، 27-چېسلا پارىژ ب د ت مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش ئىشتابى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەنگە «قىز ئۆسمۈرلەر ۋە ئاياللار مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ئالاھىدە ئەلچى» شەرەپ نامىنى بەرگەن. باش ئەمەلدار بوكوۋانىڭ قولىدىن گۇۋاھنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان پېڭ لىيۈەن، بۇ بىر ئۇلۇغۋار ئىش، مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تېخىمۇ كۆپ بالىلار ۋە تېخىمۇ كۆپ ئاچا ـ سىڭىللارنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن تىرىشىمەن، دېدى.
مەنبە: خەلق تورى