3-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن گائاگادا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىنسانلار يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن، تۈرلۈك يادرو بىخەتەرلىكى خىرسىىغا تاقابىل تۇرۇپ، يادرو ماتېرىياللىرى ۋە يادرو ئەسلىھەلىرى بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك. يادرو بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش بىر سىجىل جەريان. بىز ئاقىلانە، ماس، تەڭ ئىلگىرلەيدىغان يادرو بىخەتەرلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يادرو بىخەتەرلىكى مۇساپىسىنى ساغلام سىجىل تەرەققىي قىلىش يولىغا كىرگۈزۈشىمىز كېرەك.