باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لەنكاۋدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

2014.03.31 09:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شىن ۋېيمىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 27 - مارت چۈشتىن كېيىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لەنكاۋ ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشنى، ئۇنى ئۆگىنىش ۋە تەربىيەنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، تەشكىلىي يېتەكچىلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى، سۆزنىڭ روھىي ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، چوڭقۇر ئىگىلەپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 17 - مارتتىن 18 - مارتقىچە 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئالاقە نۇقتىسى بولغان خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لەنكاۋ ناھىيەسىنىڭ يېزىلىرىغا ۋە كۆزنەكلىك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ، تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  ئۇنىڭ سۆزىدە 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە توغرا ئىگىلەشكە تېگىشلىك بولغان ئومۇمىي تەلەپ، ئەمەلىي ۋاسىتە، نۇقتىلىق ئوبيېكت، تەشكىلىي يېتەكچىلىك پىرىنسىپى، ئالاھىدىلىك ۋە قانۇنىيەت يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قىلىش، پائالىيەتنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە ئىچىدە جياۋ يۈلۇ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، «ئۈچ قاتتىق، ئۈچ ئەمەلىي»دە چىڭ تۇرۇشتا مۇھىم يېتەكچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلىشى، تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىشى، ئۆلچەم سۈپەتنى بەلگىلەيدۇ، دېگەن قانۇنىيەتنى توغرا تونۇشى كېرەك، يۇقىرى ئۆلچەم بولغاندىلا، ئاندىن يۇقىرى سۈپەت بولىدۇ، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، بىر قەدەر يۇقىرى ئۆلچەم بېكىتىشى، ئىستىل ياخشىلاش روھىنى باشتىن - ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت خىل ناچار ئىستىل»نى مەركەز قىلىپ، قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا ئەينەككە قارىشى، ئۈست - بېشىنى تۈزەشتۈرۈشى، يۇيۇنۇشى، كېسەلنى داۋالىشى، مۇھىم نۇقتىغا قاراپ قائىدە بەلگىلەپ پەرقنى تېپىپ چىقىشى، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش داۋامىدا مەسىلىنى ھەل قىلىشى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئارقىلىق ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇشى، تەپەككۇر ۋە ئانالىز قىلىشتا قانۇنىيەتنى ئىگىلىشى كېرەك. ئەستايىدىل بولۇش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئىستىلنى ياخشىلاش ئارقىلىق ئوبيېكتىپ مەسىلە، ئاددىي مەسىلە، ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى، چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلە، مۇرەككەپ مەسىلە، خاس مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشى، مەقسەتكە يەتمىگىچە بەل قويۇۋەتمەسلىكى، ئۆلچەمگە توشمىغىچە توختاپ قالماسلىقى كېرەك. قاتتىق ئۆلچەم بويىچە پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشى، سۆز ۋە ھەرىكەتنىڭ بىردەك بولۇش - بولماسلىقى، مەسىلىنىڭ ھەل بولۇش - بولماسلىقىنى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى باھالاشنىڭ مۇھىم ئىسپاتى قىلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: جياۋ يۈلۇ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئالىيجاناپ روھىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. خەلققە يېقىنلىشىش، خەلقنى سۆيۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىلمىي ھەم ئەمەلىي بولۇش، قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك جياۋ يۈلۇ روھى پارتىيەمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى، بۇ، تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە جىپسىلاشقان بولۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ھەقىقىي ئۈلگە قىلىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار ئەجدادلارنىڭ ئىلغارلىقىنى ئەينەك قىلىپ، جياۋ يۈلۇنىڭ «كۆڭلىگە ئومۇمىي خەلقنى پۈكۈش، ئۆزىنى ئۇنتۇش»تەك چاكارلىق روھىدىن ئۆگىنىشى، ھەممە ئىشتا «باشقىلار چايناپ بەرگەن ناننىڭ تەمى يوق» دېگەن ئەمەلىيەتچىل ئىستىلنى ئاساس قىلىشى، «ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ»، «ئىنقىلابچىلاردا قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان جاسارەت بولۇش كېرەك» دېگەن كۈرەش روھى ۋە جاپاغا چىداش روھى بولۇشى، پاك - دىيانەتلىك بولۇشى، «ھەر قانداق ۋاقىتتا ئالاھىدە بولۇۋالماسلىق»تەك ئەخلاق - پەزىلەت بولۇشى كېرەك. جياۋ يۈلۇ روھىنى ئەينەك قىلىپ، تەپسىلىي قاراپ، يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە قايتا - قايتا قاراپ، ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى، ساپا ئىقتىدارى، ئىستىل ئوبرازى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلىرى ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى ئىچكىرىلەپ تېپىشى، پەرقنى تېپىشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشىشى، تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. جياۋ يۈلۇنى ئۈلگە قىلىشنى بۈگۈندىن، ھازىردىن، كىچىك ئىشتىن باشلىشى؛ ئاممىغا، تەشكىلگە، كەسىپكە، يولداشلارغا، ئۇرۇق - تۇغقانلارغا، ئۆزىگە خۇددى جياۋ يۈلۇدەك مۇئامىلە قىلىشى، جياۋ يۈلۇغا ئوخشاش ئاداققىچە كۈرەش قىلىشى، تىرىشىپ جياۋ يۈلۇغا ئوخشاش ياخشى پارتىيە ئەزاسى، ياخشى كادىر بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر