باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلانىنى ئىزدەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا

2014.03.28 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  27-مارت مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلانىنىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا 20 كۈن بولدى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گېڭ يەنشېڭ مۇنداق دېدى: 8-مارتتىن 26-مارتقىچە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 5 ھەربىي پاراخوتى 7518 دېڭىز مىلى جاينى ئاختۇردى، ئاختۇرۇش كۆلىمى 93 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 3 تىرانسپورت ئايروپىلانى 82 مىڭ كىلومېتىر ئۇچۇپ، 102 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر جاينى ئاختۇردى، 10دىن ئارتۇق ھەربىي سۈنئىي ھەمراھنى ئىشقا سېلىپ ئاختۇردى، بۇنىڭ ئاختۇرۇش كۆلىمى نەچچە ئون مىليون كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى، ھازىر ئاختۇرۇش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقتا.

  27-مارت قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى ياڭ مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بايقالغان گۇمانلىق نۇقتىلاردا ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەنلىك ھەققىدە ھېچقانداق بىۋاسىتە ئىسپات تېپىلمىدى، ئاختۇرۇش خىزمىتى خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن. ھازىر ئاختۇرۇش خىزمىتى 3-باسقۇچقا قەدەم قويدى، ئېلىمىزنىڭ 12 پاراخوتى، 8 تىك ئۇچارى، 3 مۇقىم قاناتلىق ئايروپىلانى جەنۇبىي ھىندى ئوكياندىكى دېڭىز ساھىلىگە بېرىپ ئاختۇرماقتا، ئۇلار بۇ دېڭىز ساھىلىنى ئاختۇرۇشتىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇپ قالدى.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي 27-مارت مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلانىنى ئاختۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەلگۈسى بىر قانچە كۈندە جۇڭگونىڭ 8 پاراخوتى ئالاقىدار دېڭىز ساھىلىگە بېرىپ ئاختۇرىدۇ، جۇڭگو دېڭىز ۋە ھاۋا كۈچىنى ھەقىقىي ماسلاشتۇرۇپ، ئاختۇرۇش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرى سۈرمەكتە، ئالاقىدار دېڭىز ساھىلىدە ئاختۇرۇش خىزمىتىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا.

  27-مارت چۈشتىن كېيىن ئاۋسترالىيە دېڭىز ئىشلىرى بىخەتەرلىك ئىدارىسى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: نىشانلىق دېڭىز ساھىلىدە ھاۋارايى ئەھۋالى ناچار بولغانلىقتىن شۇ كۈنى MH370-قېتىملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ھاۋادىن ئىزدەش خىزمىتى مۇددەتتىن بۇرۇن توختىدى، بىراق بارلىق پاراخوتلار نىشانلىق دېڭىز ساھىلىدە ئاختۇرماقتا.

  تايلاند پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى جۇغراپىيە ئۇچۇرى ۋە بوشلۇق تېخنىكىسى تەرەققىيات ئىدارىسى 27-مارت ئۆزلىرىنىڭ تور بېكىتى ئارقىلىق مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: تايلاندنىڭ بىر سۈنئىي ھەمرىيى تارتقان سۆرەتتە ھىندى ئوكيانغا چېچىلىپ كەتكەن لەيلىمە جىسىملار بايقالدى، بۇ ئىدارە مۇنداق دەپ قارىدى: لەيلىمە جىسىملار مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇ لەيلىمە جىسىملارنىڭ سانى تەخمىنە 300 پارچە بولۇپ، 450 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز ساھىلىگە چېچىلىپ كەتكەن، ئاۋسترالىيەنىڭ پېرت دېڭىز قىرغىقىغا تەخمىنەن 2700 كىلومېتىر كېلىدۇ.

  ئامېرىكا قوشماشىتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كومى 26-مارت مۇنداق دېدى: ئىدارىمىزنىڭ تېخنىكا خادىملىرى ئىككى كۈن ئىچىدە مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلانى باشلىقىنىڭ شەخسىي ئۇچۇش مودېلىنى تەكشۈرىدۇ ھەمدە سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆچۈرۈۋېتىلگەن سانلىق مەلۇماتلار يېڭى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن. بۇ مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلانىنى ئاختۇرۇش خىزمىتىگە پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر