- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچياڭ ئاز سوممىلىق قەرز بېرىش شىركەتلىرىنى تەكشۈردى
2014.03.28 16:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
4-ئاي كېلەي دەپ قالدى، شېنياڭنىڭ پۇل مۇئامىلە سودا تەرەققىيات كوچىسىدا كىشىلەر قېلىن كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ، ئەتىيازلىق كىيىملىرى بىلەن كوچىلارغا چىقىپ باھاردىن ھوزۇر ئالماقتا، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 26-مارت چۈشتىن بۇرۇن شېنياڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەن مەزگىلدە بۇ يەردىكى مەخسۇس كىچىك مىكرو كارخانىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاز سوممىلىق قەرز پۇل شىركەتلىرىدە تەكشۈرۈش، تەتىقاتتا بولدى.
شېنياڭ خەنخۇا پەن تېخنىكا ئاز سوممىلىق قەرز پۇل چەكلىك شىركىتى نۇرغۇن ئاز سوممىلىق قەرز پۇل شىركەتلىرىنىڭ بىرى، لى كېچياڭ بۇ شىركەتكە كېلىپ بۇ يەردە قەرز پۇل كەسپى بېجىرىۋاتقان خېرىدارلار ۋە خىزمەتچى خادىملار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى.
مەسئۇل كىشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ئاز سوممىلىق قەرز پۇل شىركىتىنىڭ شېنياڭدا تىجارەت باشلىغىنىغا 3 يىل بولمىدى، بۇ كارخانا 2500دىن ئارتۇق كىچىك، مىكرو كارخانا، شەخسى تىجارەتچىلەر ۋە شەخسلەر ئۈچۈن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى قىلىدۇ، شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقان ئوتتۇرا تۆۋەن كىرىملىك دېھقان ئىشلەمچىلەر ئۇلارنىڭ خېرىدارلىرى.
لى كېچياڭ ئاز سوممىلىق قەرز پۇلنىڭ زور ئەھمىيىتىنى يەكۈنلەپ: ئاز سوممىلىق قەرز پۇل كىچىك مىكرو كارخانىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، تاما تاما كۆل تولار دېگەندەك بۇ كىچىككىنە قەرز پۇلدىن نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلىغىلى بولىدۇ دېدى.لى كېچياڭ شىركەت مەسئۇللىرى ئوتتۇرىغا قويغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىش، مالىيە بېجىدا قوللاش، خەلق باشقۇرۇشىدىكى بانىكلارنى قۇرۇش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپىگە قارىتا: بىز بۇنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، ئىمكان قەدەر قوللايمىز دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر