باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو زېمىن بايلىقى ساھەسىدىكى 5 دېلونى ئۇقتۇردى

2014.03.28 16:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى 27-مارت ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت زېمىنى بايلىقى ساھەسىدىكى قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپ بەش دېلونى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئۇقتۇردى، بەش دېلودا جەمئىي 30 نەچچە ئەمەلدارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى، گۇناھ يېزىش ھەتتا تۇتۇپ تۇرۇش قاتارلىق جازالار بېرىلدى.

  دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۆ شياۋۋۇ شۇ كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ بەش دېلونىڭ ھەممىسى پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ يەر ئېلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تىپىك ۋە ئۈلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يۆ شياۋۋۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەمەلدارلار تىپىك دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەشنى ئۈمىد قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپ دېلولارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، بەزى تىپىك دېلولارنى ۋاقىتىدا ئاشكارە ئۇقتۇرىدۇ.

  يۆ شياۋۇ ئومۇمىي ۋەزىيەت ھەققىدە مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەرلەرنى قانۇنغا خىلاپ ئىگەللىۋېلىش دېلو سانى ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگللىۋېلىش ئەھۋاللىرى ئازراق ئازايدى، ئەمما ئوتتۇرا غەربىي رايونلار تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بولغاچقا يەر ئىشلىتىش ئېھتىياجى چوڭ، شۇڭا قانۇنغا خىلاپ دېلولارنىڭ يۈز بېرىش سالىمىقى يۇقۇرى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر