باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قىرىم رۇسىيەنىڭ بىر شاھمات ئۇرۇقىمۇ؟

2014.03.28 16:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا قىرىم جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى 17 – مارت قارار چىقىرىپ، قىرىمنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى، دۆلەتكە قىرىم جۇمھۇرىيىتى، دەپ نام بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

  شۇ كۈنى، 100 ئورۇنغا ئىگە قىرىم پارلامېنتىدا 85 ئەزا ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىپ، بۇ قارارنى تولۇق ماقۇللىدى. قىرىم پارلامېنتى يەنە يېڭى ئاپتونومىيە گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قوشۇلۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قىرىم پارلامېنتى يەنە قارار چىقىرىپ، قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى بارلىق ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدىن ھوقۇق ۋە ئەسلىھەلەرنى قىرىم جۇمھۇرىيىتىگە ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

  قىرىم پارلامېنتىنىڭ ئاخبارات باشقارمىسى مۇنداق دېدى: قىرىم جۇمھۇرىيىتى باراۋەر، تىنچ، دوستانە ئاساستا باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ.

  خەلقئارا يېزىقلىق ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنا زۇڭلىسى ياتسېنيۇك 17 – مارت مۇنداق دېگەن: ئۇكرائىنا قىرىمنىڭ ئاتالمىش ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش ھەرىكىتىنى ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ ئېتىراپ قىلمايدۇ.

  ئۇكرائىنا قىرىم جۇمھۇرىيىتى 16 – مارت قىرىمنىڭ ئاخىرقى تەۋەلىك ئورنىنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويغان. ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش تەييارلىق ۋە ئىجرا قىلىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى مالىشېف 17 – مارت ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان %96.6 ئادەم قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىنى قوللىدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى قىرىم پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشىنى قانۇنسىز، دەپ جاكارلىغان. ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن يەتتە دۆلەت گۇرۇھىمۇ قىرىم پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

  رۇسىيە دۇماسىنىڭ رەئىسى سېرگاي 17 – مارت مۇنداق دېدى: رۇسىيە قىرىمنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ھەمدە قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇش تەكلىپىنى تېزدىن قوبۇل قىلىدۇ.

  بۇ قىرىمنىڭ ئۆز تەقدىرىنى 3 – قېتىم ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشى ھېسابلىنىدۇ. قىرىم جۇمھۇرىيىتى1991 – يىلى ۋە 1994 – يىلى تېخىمۇ چوڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشىش، شۇنداقلا ئۇكرائىنا ياكى رۇسىيەنى تاللاش ئۈچۈن ئىككى قېتىم ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر