- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بۇ يەر بالىلارنىڭ شادلىق باغچىسى
2014.03.31 09:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
چۆچەك شەھىرى ئەرگۇڭ بازارلىق مەركىزىي مەكتەپ «قوش تىل» يەسلىسىدىكى بالىلار 25 - مارت دىلمىرە مۇئەللىمگە ئەگىشىپ خۇشال ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىماقتا ئىدى.
بۇ يەسلى 2011 - يىلى 8 - ئايدا پۈتۈپ، شۇ يىلى 9 - ئايدا رەسمىي ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈپ، ئەتراپتىكى تاسقىن كەنتى، باغۋەنچىلىك كەنتى، بالي كەنتى، مايقاي كەنتىدىكى بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ھازىر بۇ يەسلىدە قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق ھەر مىللەتتىن 100گە يېقىن بالا بار.
ئەرگۇڭ بازارلىق مەركىزىي مەكتەپ «قوش تىل» يەسلىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ مياۋ مۇنداق دېدى: بۇ بىر قانچە يىلدا يەسلىمىزدە «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرىغا ۋارىسلىق قىلىشنى باشتىن - ئاخىر خاس ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ كەلدۇق. ھەر يىلى دەرسلىكلەرنى پىلانلىق تەسىس قىلىپ، بالىلارغا قازاقچە، ئۇيغۇرچە، رۇسچە، موڭغۇلچە ئۇسسۇل ئۆگەتتۇق. رەسىم سىزىش، سەنئەت كۆرۈكى، ئاتا - ئانىلار بىلەن بالىلار بىللە ئويناش پائالىيىتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يەسلىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىنى مىللىيچە ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان، مىللىي مەدەنىيەتنى چۈشىنىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى كىچىك ئۈلگە بولۇشنى تالىشىدىغان ھالەتكە يەتكۈزدۇق.
ۋاڭ مىياۋ مۇنداق دېدى: يەسلىمىزدە بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، مىللىي ئۆرپ - ئادەت، مىللىي بايرام، مىللىي كىيىم - كىچەك، مىللىيچە يېمەك - ئىچمەك، مىللىيچە ئۇسسۇل قاتارلىقلاردىن دەرس بېرىپ، بالىلارنىڭ كىچىكىدىنلا مىللىي مەدەنىيەت ئۆگىنىشىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىدۇق.
بۇ يىل پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ يەسلى باشقۇرۇشقا بولغان تېخىمۇ ئۆزگىچە تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يەسلى تۈرلۈك تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلەپ، «قوش تىل» يەسلىسىنى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىدىغان شادلىق باغچىسىغا ئايلاندۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر