باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى سادىق ھاجىنىڭ «تەربىيە دەستۇرى»

2014.03.31 09:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى پاختا بازىرى جەنۇبىي كوچا مەھەللىسىدە سادىق ھاجى ئىسىملىك پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بار. ئۇ ئۇزاق يىللاردىن بېرى ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن تۆت ئوغلىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقتى.

  مارت ئېيىدىكى ھاۋا ئوچۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە سادىق ھاجىنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە باردىم. ئۆيگە چىرايلىق گىلەم سېلىنىپ، داستىخانغا ھەر خىل نازۇ - نېمەتلەر تىزىلغان بولۇپ، ئائىلە ئىللىقلىققا تولغان ئىدى. ئۆيدىكى بىر دۆۋە كىتاب دىققىتىمنى تارتتى، سادىق ھاجى بۇ كىتابلارنى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇ كىتابلارنىڭ تېخى يېڭىدىن نەشردىن چىققانلىقىنى كۆردۈم، كىتابلارنىڭ ئىچىدە «پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى»، «ئالتە نېمە ئۈچۈن»، «ئىلغار - نەمۇنىچىلاردىن بولۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ھۆججەتلەردىن تاللانما» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى» قاتارلىقلار بار ئىدى. 

  «بالىلىرىمغا ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق ئادەم بولغانلىقىمنى بىلدۈرۈشۈم كېرەك»

  سادىق ھاجى ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇيدۇ. خوتۇنى ئايشەم چاي قۇيغاچ كۈلۈپ تۇرۇپ: بۇ كىشى بىر كۈن كەچكىچە ئالدىراش يۈرىدۇ، ئاش - تامىقىنى ئالدىغا ئەكىلىپ بېرىمەن، دېدى.

  69 ياشقا كىرگەن سادىق ھاجى ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسىنىڭ تۆۋەن ئىشتاچى كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1962 - يىلى شىنجاڭ سىياسىي - قانۇن كادىرلار مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ياڭزىجياڭ يولى، غەربىي شىمال يولى، چاڭجياڭ يولى، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتى، جەنۇبىي ۋوگزال، يامالىق تېغى قاتارلىق جايدىكى ساقچىخانىلاردا ئىشلىگەن.

  ئۇ لېي فېڭدىن ئۆگىنىپ ياخشى ئىش قىلىش خەلق ساقچىسىنىڭ شەرەپلىك بۇرچى، دەپ قارايتتى. سادىق ھاجى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا «لېي فېڭدىن ئۆگىنىشتىكى بەشتە ياخشى خەلق ساقچىسى» دەپ تەرىپلىنىپ، ئىش - پائالىيەتلىرى كۇەيبەر قوشىقى قىلىپ ئېيتىلدى؛ 80 - ۋە 90 - يىللىرىدا ئۇنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلەرنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزغانلىق، ئادىشىپ قالغان بالىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغانلىق ئىشلىرى بىر نەچچە قېتىم خەۋەر قىلىپ بېرىلدى.

  ئۇ: ھازىر پېنسىيەگە چىقتىم، يەنىلا خەلقنىڭ خىزمەتكارىمەن، دېدى. ئۇ مەھەللىنىڭ ئامانلىق قوغداش، مۇقىملىقنى ساقلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق خىزمەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ كەلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىمتىھانىدا ئۇ ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ مەھەللە بويىچە بىر نەچچە قېتىم ئىلغار شەخس بولۇپ باھالاندى.

  − مەن تۆت ئوغلۇمغا ئۈلگە بولىمەن، ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق ئادەم بولغانلىقىمنى بىلدۈرۈشۈم كېرەك، − دېدى سادىق ھاجى.

  «ئۆيىگە كىرىشىمىز بىلەنلا دادام سومكىلىرىمىزنى تەكشۈرەتتى»

  سادىق ھاجىنىڭ 3 - ئوغلى قەيسەرجان قايتىپ كەلدى. 34 ياشقا كىرگەن قەيسەرجان بالىلىق دەۋرلىرىنى ئەسلەپ ئىزا تارتقان ھالدا: ئۆيگە كىرىشىمىز بىلەنلا، دادام سومكىلىرىمىزنى تەكشۈرەتتى، دېدى.

  ئەينى چاغدا تۆت ئوغلى ئۆيگە قايتىپ كېلىشى بىلەن، سادىق ھاجى بىرىنچى بولۇپ ئۇلارنىڭ كىتاب - دەپتەرلىرىنى ئاختۇرۇپ كۆرەتتى. ئۇ بالىلىرىنىڭ سومكىلىرىغا باشقىلارنىڭ ئۆگىنىش قوراللىرى كىرىپ قالغان - قالمىغانلىقىنى تەكشۈرەتتى، مۇبادا بىرەر تال قېرىنداش، دەپتەر ياكى ئۆچۈرگۈچنى كۆرۈپ قالسا، قەيەردىن كەلگەنلىكىنى سورايتتى ھەم بالىلارغا ئەتىسى دەرھال قايتۇرۇپ بېرىشنى جېكىلەيتتى.

  ئۇ دائىم بالىلارغا: خەلق ساقچىسى خەلقنى سۆيىدۇ، سىلەر ساقچىنىڭ بالىلىرى، شۇڭلاشقا باشقىلار سىلەرنى ئۇرغان تەقدىردىمۇ، سىلەر ھەرگىز قول قايتۇرماڭلار، دەيتتى.

  سادىق ھاجى تۆت ئوغلى ھەر يىلى يېڭى يىلدا ئۆيگە قايتقاندا، ئائىلىۋى تەلىم - تەربىيە يىغىنى ئاچاتتى. سادىق ھاجى ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ خىزمەت ئىپادىسىنى ئاڭلايتتى: بىر يىلدىن بۇيان نېمىلەرنى ئىشلىدى، ئىلغار بولدىمۇ - يوق، پارتىيەگە ئەزا بولۇپ كىردىمۇ - يوق دېگەندەك... ئاندىن كېيىن، ئاتىنىڭ بالىلارغا بولغان كەسكىن تەربىيە لېكسىيەسى بولۇپ، تارىخ، سىياسەت ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەتتى. سادىق ھاجى قاتتىق ئېھتىياتچان ئىدى. ئۇ بالىلار دۆلەتنىڭ پەرزەنتى، شۇڭا ياخشى تەربىيەلەش كېرەك، دەپ قارايتتى. ئۇ يۇرتىدىن كىچىك چاغلاردا كىتاب ئوقۇغاندا ئىشلىتىدىغان جىنچىراغنى ئەكىلىپ بالىلىرىغا كۆرسەتتى ھەم تۆت ئوغلىنى يۇرتىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ، بۈگۈنكى بەختلىك كۈنلەرنى قەدىرلەشنى ئېيتتى.

  ئۇ بالىلارنى ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇشقا ئىلھام بەردى. يازلىق ۋە قىشلىق تەتىللەردە چوڭ ئوغلى ئاياغ ساتتى، قالغان ئۈچ ئوغلى چاي ساتتى. مۇشۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئوقۇش خىراجىتى، كىتاب پۇللىرىنى تاپتى ھەم ئۆيگە بىر توڭلاتقۇ ئېلىپ بېرىشتى.

  ئىككىنچى ئوغلى غالىبجان: دادام كىچىك چاغلىرىمىزدا يامان يولغا كىرىپ قېلىشىمىزدىن ئەنسىرەپ، بىزنى قاتتىق باشقۇراتتى.

  ئۇ پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، پېشقەدەم ساقچى، خەلقنىڭ ئوغلانى، كۆرگەن - بىلگەنلىرى كۆپ، بىزگە بولغان تەربىيەسى چوڭقۇر. بىز مانا مۇشۇنداق ياخشى ئائىلە تەربىيەسى، مەكتەپ تەربىيەسى ۋە جەمئىيەت تەربىيەسىدە چوڭ بولدۇق، دېدى.

  «ھازىر ئائىلىمىزدە سەككىز پارتىيە ئەزاسى بار»

  سادىق ھاجى تۆت ئوغلىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدۇ. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى بىلەن تۆت ئوغلى ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ يېتىلدى.

  چوڭ ئوغلى كۈرەشجان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى تۆشۈكتام(ساڭفاڭگۇ) باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كادىرى، خىزمەتتە ئەستايىدىل، بوش ۋاقىت چىقسىلا كونا گېزىتكە خەت يېزىپ مەشىق قىلىدۇ، ئۇ دادىسىنىڭ نەگىلا بارساڭ ئۆگىنىشنى توختاتما، دېگەن تەلىمىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ كەلدى. ئىككىنچى ئوغلى غالىبجان مۇنەۋۋەر ئالاھىدە ساقچى، خىزمەتتە تىرىشچان، ئوتتۇرا تېخنىكومدىن تولۇق كۇرۇسقىچە ئۇلاپ ئوقۇغان، بۇلاقتاغ رايونى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان؛ ئۈچىنچى ئوغلى قەيسەرجان قوراللىق ساقچى قىسىمدا بەنجاڭ بولغان، نەچچە قېتىم تەقدىرلەنگەن، ئۇستا مەرگەن، ئۇ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن، «باۋشەن» پولات - تۆمۈر گۇرۇھى «1 - ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتىدە ئىشلىگەن، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلىقتىن خىزمەت قىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىنلا پارتىيەگە كىرىپ، ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان. تۆتىنچى ئوغلى جۈرئەت ئۇلۇغچات ناھىيە چېگرا مۇداپىئە چوڭ ئەترىتى جىغىن چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىدا خىزمەت قىلىدۇ، ئۇ ئوقۇشتىن قالغان ئۈچ بالىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتىدۇ.

  مەن زىيارەت داۋامىدا ئالاھىدە بىر تاشنى كۆردۈم، بۇ تاشنى سادىق ھاجىنىڭ تۆتىنچى ئوغلى جۈرئەت چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىدىن دادىسىغا ئالغاچ كەلگەن ئىكەن، بۇ تاش ئالاھىدە ھۈنەر بىلەن پاسىل تېشى شەكلىدە ياسالغان بولۇپ، تاشقا «جۇڭگو» دېگەن خەت ئويۇلغان ئىدى، سادىق ھاجى بۇ تاشنى ئەتىۋارلاپ ساقلايدىكەن. 2006 - يىل 24 - يانۋاردىن ھازىرغىچە، جۈرئەت جەڭ ئېتىنى مىنىپ، مىلتىقىنى ئېسىپ، جاپا - مۇشەققەتكە قارىماي چېگرا مۇداپىئەسىنى قوغداپ كېلىۋېتىپتۇ.

  جۈرئەتنىڭ شۇنداق جاپالىق مۇھىتتا ئىزچىل تۈردە مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىپ كېلىشىنى دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇ: دادام دائىم بىزگە «45 يىل خەلق ئەسكىرى بولدۇم، سىلەر مېنىڭ ئوغۇللىرىم، شۇڭا ئۆزۈڭلارغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، تىرىشىپ ئىشلىشىڭلار كېرەك» دەيتتى، دېدى.

  سادىق ھاجىنىڭ مۇنداق بىر ئوخشىتىش سۆزى بالىلارنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ: بالىلىرىم سىلەر كېيىن خىزمەت تېپىشتا ئۆزۈڭلارغا تايىنىسىلەر، بۇ خۇددى كىشىلەر نەرسە سېتىۋالغاندا، ياخشىسىنى تاللىغانغا ئوخشايدۇ، سىلەرنىڭ خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىش - قىلىنالماسلىقىڭلار سىلەرنىڭ ئادەتتىكى ۋاقىتتىكى تىرىشچانلىقىڭلارغا باغلىق. تاللىنالمىساڭلار، قانداق ئىش قىلساڭلار بولىدۇ، ئەمما ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق قىلىشقا، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئاپتوبۇسقا چىققاندا ياشانغانلارغا ئورۇن بېرىڭلار، مەن لېي فېڭدىن ئۆگەنگەن، سىلەرمۇ ئۆگىنىڭلار.

  ئۆيدە سادىق ھاجى بالىلارغا: ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار، دېگەن گەپنى ئەڭ كۆپ دەيدۇ.

  − ھازىر ئائىلىمىزدە سەككىز پارتىيە ئەزاسى بار، − دېدى بوۋاي پەخىرلەنگەن ھالدا. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە تۆت ئوغلى ۋە ئۈچ كېلىنى پارتىيەگە كىرىپتۇ.

  سادىق ھاجى پەخىرلەنگەن ھالدا: ئۈرۈمچىگە كەلگەن دەسلەپكى چاغلاردا بىر يوتقىنىم بىلەن كارىۋىتىم بار ئىدى، 30 يىلدىن كېيىن ۋەتەندە زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۆيىمىزدە ھەممە تەل بولدى، مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال. بالىلارغا دائىم دۆلەتنىڭ بىزگە بەرگەنلىرىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ جاۋاب قايتۇرۇڭلار دەپ تۇرىمەن، دېدى.

  − ھەممىمىز جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى، پارتىيە ۋە ۋەتەن بىزنى قانداق تەربىيەلىسە، بىز شۇنداق جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك، − دېدى بوۋاينىڭ ئىككىنچى ئوغلى غالىبجان. ئۇنىڭ بۇ سۆزى بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر