باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ يىل ئىچىدە كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىدۇ

2014.03.28 16:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش خىزمىتىنىڭ 1- قېتىملىق مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنى يېقىندا ئېچىلدى. زېمىن بايلىقى مىنىستىرى جياڭ دامىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلدىن باشلاپ ئاساسىي تۈزۈم قۇرۇلۇشى، ئۆتكۈنچى مەزگىلىنى تەدرىجىي باغلاش،بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق،ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتا كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش تۈزۈمى ئومۇمىي يۈزلۈك ئورنىتىلىدۇ. تۆت يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە بىرلىككە كەلگەن كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش ئاساسىي سەھنىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. كۆچمەس مۈلۈكنى تەستىقلاش،سودىسى،تىزىملاش ئۇچۇرىدىن ئۆز ئارا بەھرىلىنىش ۋە قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

  يەر، ئۆي، ئورمان يېرى، يايلاق،ھۆددە يىرى قاتارلىق كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى ھەممە ئائىلىلەرگە چېتىلىدۇ. يىغىندا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش يولغا قويۇش ئىلگىرىكى خىزمەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىق ۋە ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەنلىك بولماستىن،بەلكى خىزمەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاساسىدا بىرلەشتۈرۈش، بىرىكتۈرۈش؛بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرلىككە كەلگەن نەرسە ھوقۇقىنى تىزىملاش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە: كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش خىزمىتى ئاممىنىڭ قولىدىكى تۈرلۈك كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىلىرىنىڭ قانۇنى كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن.بۇ گۇۋاھنامىلەر داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. يېڭىدىن بىرلىككە كەلگەن كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن، يېڭى گۇۋاھنامىگە مەجبۇرىي ئۆزگەرتىلمەيدىكەن. مۈلۈك ھوقۇقى ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى ئۆزگەرتكەنلىكىنى تىزىملاش ئارقىلىق تەدرىجىي ئالماشتۇرۇلىدىكەن. پرىنسىپ جەھەتتىن ئۆزگەرتمىسىمۇ ئالماشتۇرمىسىمۇ بولىدىكەن. كارخانا ۋە ئاممىنىڭ يۈكى ئېغىرلىمايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر